ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا «مارالبېشى ۋەقەسى» ھەققىدە ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار

0:00 / 0:00

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيسىنىڭ سېرىق بۇيا بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپتە ياپونىيە «رېكورد چاينا» تو بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇردا مەزكۇر ۋەقەدە قارشىلىق بىلدۈرگۈچى ئۇيغۇرلاردىن ئالتە نەپەر كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى،سەككىز نەپەر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىپ، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئون بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

خەۋەردە 3 نەپەر يېزا كادىرىنىڭ بىر دېھقاننىڭ ئۆيىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇپ، ئۆيدىن قۇرئان كېرىمنى تېپىۋالغانلىقى ۋە يېزا كادىرلىرى دەرھال ساقچى چاقىرىپ كېلىپ ئۆيگە باستۇرۇپ كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت ۋەقە بايان قىلىنغان. مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى تەپسىلاتنى تور بېتىدىن ئوقۇپ خەۋەر تاپقان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيىلىك بالمۇ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ھەر كىمنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆيىدە قۇرئان كېرىم ۋە ياكى ئىنجىل ساقلىشى ئۇنىڭ تەڭرى بىلەن بىللە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان ئۆيىدە پەقەتلا نان ساقلىشى كېرەكمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسىدە شۇ بولۇشى كېرەككى، كىمكى ھەر قانداق ئىنساننىڭ دىنىنىۋە ياكى ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىمەن دەيدىكەن، ئاقىۋەتتە ئۆزى ۋەيران بولىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان خەلق، ئۇلار دىنىنى قوغداش ئۇچۇن جېنىدىن ۋاز كېچىشكىمۇ تەييار دەپ قارايمەن.

بۈگۈن ياپونىيىدىكى «ئاساھى شىنبۇن» قاتارلىق ياپونچە ۋە ئەنگلىزچە گېزىتلەردە، ۋەقەدە 21 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر قىلىنغان.ياپونىيە جەمئىيىتىدە سىياسىي كۆز قاراش جەھەتتە خىتايغا مۆتىدىل دەپ قارىلدىغان ئاساھى شىنبۇن گېزىتى خىتاينىڭ تىيانشان تور بېتىدىكى ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەردىن نەقىل ئالغان. خەۋەردە دىيىلىشىچە، ساقچىلار بىلەن تەكشۈرگۈچىلەر ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۋاتقاندا مەلۇم بىر ئۆيدە پىچاق قاتارلقى تېررورلۇققا ئائىت بۇيۇملارنى بايقىغانلىقىنى،بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدىكى گۇرۇھلار بىلەن ساقچىلار،تەكشۈرگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ھەر - ئىككى تەرەپتىن بولۇپ، جەمىي 21 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇلاردىن ئالتە كىشىنىڭ تېررورلۇققا تەيارلىنىۋاتقان گۇرۇھ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. خەۋەردە ساقچى ۋە تەشكشۈرگۈچىلەردىن ئۆلگەن 15 كىشىنىڭ 11 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ۋەقە يۈز بەرگەن جاي شىنجاڭ، بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار مۇسۇلمان خەلق. شىنجاڭ تۈركىيىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ. ئۇ يەردە 9 مىليون ئۇيغۇر بار. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا نارازى. خىتاي دۆلىتى بۇ ئۆلكىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ. لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان تېررورلۇققا ئائىت بەزى ئىسپاتلارنى ئۆزلىرى ئويدۇرۇم چىقىۋاتىدۇ دېگەن قاراشمۇ بار.»

مەزكۇر گېزىتلەر ئارقىلىق ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ياپونىيىلىك جەمىيەتشۇناس تەتقىقاتچى يۇكى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- ئۇيغۇر ئېلدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەقىقەتەن پاجىئەلىك بىر ۋەقە. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى، تىلىنى قوغداشغا تىرىشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ھەممىسىنى باستۇرۇش، كونترول قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇيغۇرلار كىملىكىنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇيغۇرلار كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەلۋەتتە قارشىلىشىدۇ. ئىنتېرنېت، گېزىتلەردە دېيىلىشىچە، 21 ئادەمنى ئۆلدى دەيدۇ. ئەمما بۇ توغرىمۇ - خاتا ؟ بۇنى بىلىش تەس شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور بەتلىرىدە ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقە دەپ تىلغا ئالغان. بۇنىسى راستمۇ - يالغانمۇ؟ بۇنى قىياس قىلماق بەكمۇ تەس.

مەزكۇر ۋەقە تور بەتلىرىدە، مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالغاندىن كېيىن، ياپونىيە تېلېۋىزورلىرىدا بۇ ۋەقە ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزە،تەھلىلەر ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان. مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ياپونىيە تېلېۋىزىيە قانالللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغان. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.