يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكەن «مەركىزىي ئاسىيا+ياپونىيە» سۆھبىتىگە قاتناشقان مەملىكەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 5-مەجلىسى ئۆتتى ھەم ئۇنىڭ نەتىجىلىرى بويىچە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى 10 يىللىق ئۆزئارا پايدىلىق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
مەزكۇر دۆلەتلەر ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇنىڭغا قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېرلان ئەبدىلدايېف، قازاقىستاندىن يېرلان ئىدرىسوف، تاجىكىستاندىن سىرودجىدىن ئاسلوف، تۈركمەنىستاندىن رەشىد مىرېدوف، ئۆزبېكىستاندىن ئابدۇلەزىز كامىلوف ۋە ياپونىيەدىن فۇمىيې كىشىدا قول قويغان.
«مەركىزىي ئاسىيا+ياپونىيە» سۆھبىتى 2004-يىلى ياپونىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ئالاقىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇستەھكەملەشنى، رايون دائىرىسىدىكى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى مەجلىسلىرى توكيو، ئاستانا ۋە تاشكەنت شەھەرلىرىدە ئۆتتى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشى 15-ئىيۇلدا باشلانغان بولۇپ، ئىككى كۈن داۋامىدا ئۇلار بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، مالىيە ۋە باشقا مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلغان.
قىرغىزىستاننىڭ «قابار» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەزكۇر ئۇچرىشىش مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بولۇپمۇ تۇراقلىق تەرەققىيات، سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا ھازىرقى خەۋپلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ يوللىرى ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقچى.
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ي. ئەبدىلدايېف ئىمزالانغان ھۆججەتنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ بۈگۈنكى جىددىي مەسىلىلىرىنى ئىجابىي ھەل قىلىشقا ھەم ھەر ساھەلەردە كونكرېت نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە سالماقلىق تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەركىزىي ئاسىيا+ياپونىيە» سۆھبىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەجلىسىگە تۈركمەنىستاننىڭ رەئىسلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمدى «24kg» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ف. كىشىدا يېزا ئىگىلىكى، ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چېگرا كونترولى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ قارالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېگەن: بۇ مۇناسىپ ئۇچرىشىش بولدى. ئاخىرقى 10 يىل ئىچىدە بۇ سۆھبەت ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مەيدانىغا ئايلانماقتا. يېزا ئىگىلىكىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يۆنىلىشلىرى كۆرسىتىلگەن يول خەرىتىسى كېلىشىمىنى قولغا كەلتۈرەلىدۇق.
ئۇ شۇنداقلا قىرغىزىستاننى مەبلەغ ياردىمى بىلەن قوللاشقا شەخسىي بىرلەشمىلەرنىڭمۇ مەنپەئەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇچرىشىشتا شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۆزئارا ۋە ياپونىيە مىنىستىرى بىلەن ئايرىم مۇزاكىرىلىرىمۇ بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستاننىڭ «كازىنفورم» ئاگېنتلىقى ي. ئىدرىسوف ۋە ف. كىشىدانىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش بويىچە بىر قاتار مەسىلىلەرنى قارىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
شۇ جۈملىدىن سودا-ئىقتىسادىي، مەبلەغ سېلىش، پۇقرالارنىڭ كىرىپ چىقىش يوللىرى، ئاپتوموبىل ياساش، ئاتوم ئېنېرگىيىسى، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارنى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىلىرىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلدۈرۈلدى.
ف. كىشىدا ياپونىيەنىڭ قازاقىستاننىڭ 2050-تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى قوللايدىغانلىقىغا، كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىجارەتنىڭ راۋاجلىنىشىدا ئۆز مەملىكىتىنىڭمۇ قاتنىشىش ئېھتىماللىقى بارلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى. ئۇلار شۇنداقلا بىۋاسىتە قازاقىستان ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ھاۋا ئالاقىسىنى ئېچىش، ھەر ئىككى مەملىكەت پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى يېنىكلەشتۈرۈش مەسىلىلىرىگە قاراپ چىقتى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بىلىم، پەن ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىشكە كېلىشتى.
ي. ئىدرىسوف ياپونىيە مىنىستىرىنى «2017-خەلقئارا ئىختىساسلاشتۇرۇلغان كۆرگەزمىسى» گە قاتنىشىشقا رەسمىي تەكلىپ قىلدى.
0:00 / 0:00