ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن تەبرىكلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2014.03.24
yaponiye-uyghur-noruz.jpg  ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىشى
RFA/Qutluq


ئۇيغۇر ئېتنىك مەدەنىيىتىنىڭ تەۋەررۈكى بولغان نورۇز بايرىمى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھاياتبەخش ۋە ئىلھامبەھش بايرىمى بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ بۇ ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرىمىنى يىللاردىن بېرى تۈرلۈك شەكىللەردە ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

كانساي رايونىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىغا تۈرلۈك جەھەتلەردە ياردەمدە بولۇۋاتقان، يېقىندا كىرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئىللىق يەتكۈزگەن ساخاۋەتچى ياپونلارنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا  ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار نامىدىن ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۆز مەكتەپلىرىدىكى تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە، نورۇز بايرىمىدا تۈرلۈك ئۇيغۇرچە تائاملارنى تەييارلاش ئارقىلىق چەتئەللىك دوستلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بولۇپمۇ نورۇزدىن ئىبارەت بۇ بايرامدا ئېلىپ بېرىلىدىدىغان پائالىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان.

ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان  ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتۇر تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزىنىڭ  بۇ يىلقى نورۇز ئۆتكۈزۈشنى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم ئۆزىنىڭ ھېچقانداق نورۇز ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن مۇستەسنا ھالدا ئۆز ئۆيىدە ۋەتەن سېغىنىش ھېسىياتى بىلەن نورۇز ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

توكيودىكى بەزى بىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، توكيو تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن جەمى 250 كىشىنىڭ يىغىلىشى بىلەن، ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا توكيودا نورۇز بايرىمى داغدۇغىلىق، شاتلىق ئىچىدە  ئۆتكۈزۈلگەن.

كيۇشۇ رايونىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولسا ئائىلىلەر بويىچە يىغىلىش ئېلىپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ نورۇزغا ئاتاپ يازغان نورۇزنامە ۋە شېئىرلىرىنى ئۆز-ئارا مۇشائىرە قىلىشقان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈنكى كيۇشۇ رايونىدىكى نورۇز بايرىمىنى ئائىلىلەر بويىچە ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان سورۇن ساھىبى دوكتورئاسپىرانت مۇختارجان ئابدۇراخمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.