ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئوكىناۋا» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00


26 - ئىيۇن ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا شەھىرىدىكى ئۆكىلىك مۇزىيخانىنىڭ يىغىن زالىدا «ئوكىناۋانىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش كومىتېتى»نىڭ ساھىپخانلىقىدا «خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئوكىناۋا» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، سېنكاكۇ ئارىلىنى بېسىۋېلىش پىلانى ۋە شۇنداقلا ئوكىناۋانى ياپونىيەدىن پارچىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر سىياسىي تەشۋىقاتلىرى توغرىسىدا بىر قىسىم پروفېسسورلار ۋە سىياسەتچىلەر سۆز قىلغان.

مەزكۇر دوكلات سۆزلەش يىغىنىغا باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۇ يىغىندا، «خىتايدىكى يالغان مىللىي ئاپتونومىيە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا قىلىنىۋاتقان ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەر» سەرلەۋىلىك ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىگە ئوكىناۋادىكى ھەر قايسى ساھەلەردىن 120 گە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىن كەچ سائەت بەشتىن توققۇزغا قەدەر داۋاملاشقان.

بىز، مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.