ياپونىيە قوغدىنىش قانۇنى 29-مارتتىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدۇ
2016.03.25
22 - مارتتىكى ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە كابىنېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن 29 - مارتتىن باشلاپ يېڭى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن ياپونىيەدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارغا سەۋەب بولغان. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ قانۇننىڭ ياپونىيە خەۋپسىزلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ياپونىيەنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۈچۈن شۇنداق بىر قانۇننى يولغا قويۇشى زۆرۈرلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.
يېڭى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى - يېڭىدىن تۈزۈلگەن بىر قانۇن ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئون قانۇننى ئۆز ئىچىدە ئالىدىكەن.
خەۋەردە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، يېڭى چىقىرىلغان قانۇن - «خەلقئارا تىنچلىققا ياردەم بېرىش قانۇنى» بولۇپ، بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 10 قانۇن بىر تۇتاش «تىنچلىق بىخەتەرلىك قانۇن - تۈزۈمى تەييارلىق قانۇنى» دەپ ئاتالغان. مەزمۇنىنىڭ كۆپىنچىسى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، قوغدىنىش قىسىملىرىنىڭ چەتئەلدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئامېرىكا بىلەن ھازىرلىغان تىنچلىق بىخەتەرلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇننى بولۇپ، ياپونىيە كابىنېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن بۇ قانۇن 29 - مارتتىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىش يولغا قويۇلسا، ياپونىيە دۇنياۋى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە پائال قاتنىشالايدىكەن.
يېڭىدىن تۈزۈلگەن بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ياپونىيە ھەر قاچان ئېھتىياجىغا قاراپ چەتئەللەرگە ئەسكەر ئەۋەتەلەيدىكەن ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەسىگە ياردەم بېرەلەيدىكەن.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ 22 - مارتتىكى خەۋىرىدە، باش ۋەزىر شىنزو ئابې 21 - مارت ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە: «‹قوغدىنىش قانۇنى› بولسا ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى، ھەر زامان تەييار تۇرۇشىنى، چەتئەللەردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە بىمالال قاتنىشىشىنى نىشان قىلغان» دېگەن.
باش ۋەزىر شىنزو ئابې يەنە سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ: «خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى، چارلاش پاراخوتلىرى ياپونىيە ئاراللىرىغا ۋە ھاۋا بوشلۇقىغا ئىزچىل تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ» دېگەن.
ياپونىيە تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، 19 - مارت توكيودا نەچچە مىڭلىغان كىشى باغچىلاردا يىغىلىپ ۋە نامايىش قىلىپ، شىنزو ئابې ئىچكى كابىنېتىنىڭ مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەلىيلىشىش ئالدىدا تۇرغان «قوغدىنىش قانۇن لايىھەسى» گە قارشى چىققان شۇنداقلا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇپ كەلگەن تىنچلىق دۆلەت پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىك دەپ قارىغان.
بۇ خىلدىكى قاراشتىكىلەردىن كېنشى تارو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «يېڭى قانۇن ھەقىقەتەن تىنچلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. بىراق، مەن ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىن تىنچلىق پرىنسىپىدا تۇرۇپ كەلگەن يەنە شۇ يولنى داۋام قىلسا بولاتتى دېگەن ئۈمىدتىمەن» دېدى.
بىراق، سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن ئۆزىنىڭ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى شەخسەن قوللايمەن. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا ۋە ئاسىيانىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ياپونىيەنىڭ بۇنداق بىر ھەربىي كۈچكە ئىگە بولۇشى ئەلۋەتتە، مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى.
ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، يېڭى قوغدىنىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە پايدىلىق دەپ قارايدىكەن.
توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تور بېتىنىڭ 23 - مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي دىپلوماتىيە باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ شۇ كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن ھازىرلىغان «قوغدىنىش قانۇنى» غا قوشنا ئەللەرنىڭ، جۈملىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ناھايىتى دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ياپونىيەنى تارىختىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.