يېقىندا ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ خەييىڭنىڭ «رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى ئىمپېرىيەدىكى مۇستەقىل بولغۇچىلار»ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ياپونىيەدە تونۇلغان موڭغۇل پروفېسسور ياڭ خەييىڭ «رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى ئىمپېرىيەدىكى مۇستەقىل بولغۇچىلار» ناملىق ماقالىسىدە، ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ:«تاشكەنت مەتبۇئاتلىرى كەرىموفنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ قايغۇغا پاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خەلقنىڭ ھەقىقىي قايغۇرۋاتقىنى ئەمەليەتتە ئۆزبېكىستاننىڭ كەلگۈسى» دەيدۇ.
ماقالىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان 14 - ئەسىردىكى تۆمۈرىلەر سۇلالىسى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالغان بولۇپ، ئىسلام كەرىموفنىڭ ئانا يۇرتى سەمەرقەند ھەققىدە توختالغان ئاپتور:«سەمەرقەند كۆپ مىللەتلىك ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك شەھەر. بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەن شۇنداقلا بۇ يەر سەنئەت ۋە شېئىرىيەتنىڭ ماكانى» دەيدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىغان ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە رايونى دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان چۆللۈك ئىچىدىكى بوستانلىق ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈكلىكى سەۋەبىدىن، ئىسلامىي ئىدىيىلەرگە قارشى بولغان ئىسلام كەرىموفنىڭ بۇ رايوندا كۆپ قېتىم باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە، پەرغانە رايونىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىكتاكتور ھاكىمىيەتلەرگە ئەڭ كۈچلۈك تەھدىت سېلىۋاتقان «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ھەققىدە توختىلىپ:«بۇ تەشكىلات 1990 - يىلى يازدا قىرغىزىستاندا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيەلىك ئىنژېنېرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىدى» دەيدۇ.
«ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ھەققىدە توختالغان ئاپتور:«بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئۆزبېك، ئۇيغۇر، چىچەن قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنىڭ مەقسىتى چىچەنلەرنىڭ رۇسىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ " چىچەنىستان"، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ" شەرقىي تۈركىستان" قۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» دەيدۇ.
كەرىموفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور:«كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، تاشكەنت ھاكىمىيىتىدە ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىراق، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ، ئەزا سانى ئىلگىرىكىدىن كۆپىيىپ رەسمىي كۈچلىنىشكە باشلىدى» دەيدۇ.
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىف ھەققىدە توختالغان ئاپتور:«نەزەربايىف ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىنى يوقىتىپ قويدى. تاشكەنتىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنى كۆرگەن نەزەربايىف ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ ئىز باسارىنى ئويلىشىش مۇمكىن. چۈنكى، قازاقىستاندا پۈتكۈل ھوقۇق نەزەربايىف ئائىلىسىنىڭ كونتروللۇقىدا. شۇڭا كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن نەزەربايىف ئوبدانراق ساۋاق ئېلىشى كېرەك» دەيدۇ.
ئاپتور ماقالىدە:«ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلمايدىغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھاكىمىيەتلەر كەبى دۆلەت باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان كەرىموف ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى پرېزىدېنتىنىڭ كىم بولۇشىنى ھازىرچە خەلق بىلمەيدۇ. چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيادا كەرىموفلا ئەمەس، بەلكى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى نىيازوف، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىف قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە قارشى تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى پەقەتلا قوبۇل قىلمايدىغان، ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشىلەرنى دۈشمەن ھېسابلايدىغان خانلىق تۈزۈم بەرپا قىلىۋالغان مۇستەبىت، دىكتاتورلاردىن ئىبارەتتۇر» دەيدۇ.
ئاپتور يەنە ماقالىسىدە:«دېموكراتىيە ۋە خانلىقتىن ئىبارەت ئىككى يۈزى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆمرى مېنىڭچە ئانچە ئۇزۇنغا بارمىسا كېرەك»دەيدۇ.
پروفېسسور ياڭ خەييىڭ بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا «ياپونىيە ھەپتىلىك خەۋەرلەر»ژۇرنىلدا ئېلان قىلغان «بۇ كۆچمەن چارۋىچىلار رايونىنى كىم كونترول قىلالايدۇ؟»سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسىدە كىملەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزىنىڭ بەزىبىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان.
پروفېسسور ياڭ خەييىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەسلىدىنلا يىلتىزى بىر ئىكەنلىكى شۇنداقلا مەدەنىيەت، تىل، دىن جەھەتتىكى ئوخشاشلىقلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ:«بۇ رايوندىكى تۈركىي خەلقلەر ئۆز تارىخىدا ئۆز ئالدىغا ئوخشىمىغان خانلىقلارنى قۇرۇپ، ئۆزلىرىگە ئۆزى خوجا بولۇپ كەلگەن. ئۇلار تىنچلىقنى سۆيىدىغان، باراۋەرلىكىنى ھېمايە قىلىدىغان خەلقلەر بولغانلىقتىن تارىختا ئەتراپىدىكى ئەللەر بىلەن ئىناق ئۆتكەن ئىدى» دەيدۇ.
پروفېسسور ياڭ خەييىڭ ماقالىسىدە يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيادا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ توغرا يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ : «سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئاغدۇرۇلۇپ تۈركىي ۋە باشقا خەلقلەر ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولدى. بىراق، ئۇيغۇرلار يەنىلا دۆلەتسىز قالدى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنىلا خەلقئارالىق مەسىلە بولۇپ داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىشىغا باغلىق. چۈنكى، بۇ مەسىلە توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدۇ» دېدى
ياپونىيەدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرىدىن سۇمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پروفېسسور ياڭ خەييىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى بويىچە ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ:«كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۆزبەكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇش ھالىتىگە ئۆتتى. ئەلۋەتتە بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيادا «ئەرەب باھارى» كەبى سىياسىي ھەرىكەت باشلانسا، ئۇنداقتا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش تەس» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00