ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ 8 - مايدىكى خەۋرىگە قارىغاندا ياپونىيە رۇسىيە بىلەن زېمىن مەسىلىسى ھەققىدە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
8 - مايدىكى «يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيەدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەرباب غەربىي ياۋروپا زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن 6 - ماي رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىكى بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىغان.
گېزىتتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن سۇچى شەھىرىدە كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەت بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان. كېيىن پۇتىن بىلەن ئابې خالىي جايدا مەخپىي سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، سۆھبەت يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان.
«يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋىلادېمىر پۇتىن بىلەن شىنزو ئابېنىڭ مەخپىي سۆھبىتىدىن خەۋەردار بولغان ياپونىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، سۆھبەتتە ئابې رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيە تەرەپنىڭ سەككىز تۈر بويىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇتىن ئابېنىڭ بەزى تەلەپلىرىگە قوشۇلغان بولۇپ دەسلەپكى قەدەمدە ئىككى تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 6 - ئايدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن مەسىلىسى بويىچە تەييارلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىكەن. ئىككى تەرەپ بۇ يىل 2 - سېنتەبىردىن 3 - سېنتەبىرگىچە رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە زېمىن مەسىلىسى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.
خەۋەردە ياپونىيەنىڭ رۇسىيەگە سەككىز تۈر بويىچە ياردەم بېرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمىغان. شۇنداقلا 6 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلمىگەن.
ياپونىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە سەپىرى يالغۇز ئىقىتىسادىي مەسىلىلەر توغرىسىدىلا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى زېمىن مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلغان ئىكەن.
«يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ۋىلادېمىر پۇتىن بىلەن شىنزو ئابېنىڭ 30 مىنۇتلۇق مەخپىي سۆھبىتىگە تەرجىمانلاردىن باشقا كىشىلەر قاتناشتۇرۇلمىغان.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، شىنزو ئابىې رۇسىيە سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسى توغرىسىدا بەلگىلىك پىلان ۋە قارارلارنى ھازىرلىغان.
8 - مايدىكى «ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋرىدە تەكىتلىنىشىچىمۇ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ رۇسىيە زىيارىتىدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشلا ئەمەس، بەلكى زېمىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق دىپلوماتىك ئۇچرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە:«1998 - يىلى ياپونىيە باش ۋەزىرى ھاشىموتو رىيۇتارو رۇسىيە تەرەپكە زېمىن مەسىلىسى ھەققىدىكى تەلەپلەرنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە ھازىرغىچە بۇ مەسىلىسىدە رۇسىيەدىن يىتەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن» دېيىلگەن.
گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە، بىر قىسىم سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ياپونىيە سىياسىيونلىرى پۇتىننى ھازىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ دەپ قارايدىكەن. چۈنكى، رۇسىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەبىدىن غەرب دۇنياسىنىڭ يەكلىشىچە ئۇچرىغان، ئىقتىسادىي ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيەنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىغا ۋە ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشىگە تۆھپە قوشۇشىغا مۇھتاج دەپ ئويلايدىكەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بولسا رۇسىيە ئىقتىسادىي ئاجىزلاشقان ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىنى شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىنى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ چۈشىنىدىكەن.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىي مۇلاھىزلىرىدە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئىككى دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپ ھازىرغىچە تىنچلىق كېلىشىمى ھازىرلىيالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى زېمىن ماجىراسىدىن دەپ چۈشەندۈرگەن.
خىتايچە «يەر شارى تورى»نىڭ باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ رۇسىيە سەپىرى ھەققىدە 8 - ماي ئېلان قىلغان«شىنزو ئابېنىڭ رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشتىكى مۇدىئاسى نېمە» دېگەن سىياسىي ئانالىز ماقالىسىدە :«شىنزو ئابې مىڭ مۇشەققەتتە رۇسىيەگە زىيارەتكە بېرىپ، پۇتىن بىلەن زېمىن مەسىلىسى ھەققىدە ياخشىراق سۆھبەتلىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ،رۇسىيە پرېزىدېنتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئابېنىڭ زىيارەتكە كېلىشى ھارپىسىدا ئېلان قىلغان خەۋرىدىن بۇنىڭ پەقەتلا ئابېنىڭ شېرىن چۈشى ئىكەنلىكىنى بىۋالغىلى بولىدۇ» دېيىلگەن.
خەۋەردە يەنە:« شىنزو ئابې ئۆز ۋاقتىدا ياپونىيە ئاممىسىغا رۇسىيە - ياپونىيە زېمىن مەسىلىسىدە ئەمەلىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى. ھالبۇكى، نۆۋەتتە بۇ مەسىلە يەنىلا ئۆز پېتى تۇرماقتا، ئەمما ئابېنىڭ تەختتە تۇرۇپ مەزكۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋاقتىمۇ ئاز قالدى» دېگەن.
بىز ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەر ھەققىدە بىر قىسىم ياپونلارنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن كېنشى تارو بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ:«غەرب دۇنياسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھېسداشلىقىدىن ئايرىلغان، ئىقتىسادىي كرىزىسقا پاتقان رۇيسىيەگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئارقىلىق زېمىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمى پۇتىن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىدە بەلگىلىك ئىلگىرىلەش بولدى دەپ قارايمەن» دېدى.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى نائو ئىساياما پۇتىننىڭ رۇسىيە سەپىرى ھەققىدە توختىلىپ باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ :«6 - مايدىكى رۇسىيە سەپىرىدە شىمالدىكى ئاراللار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىدىن خوشال بولدۇم. 9 - ئايدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
ياپونىيەنىڭ ئۇچۇر ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1945 - يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە مەغلۇب بولغاندا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى تۆت ئارالنىڭ ھەممىسىنى ئەسكىرىي كۈچ بىلەن بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا زېمىن ماجىراسى پەيدا بولغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00