ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق ئەنگىلىز تىلىدىكى گېزىتلەردىن «جاپان تايمېس گېزىتى» نىڭ 17 - ئىيۇن سانىدىكى «شىنجاڭدىكى پىچاق ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، بەش كىشى يارىلاندى» سەرلەۋھەلىك خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خىتاينىڭ غەربىيدىكى ئۈزلۈكسىز توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان، تىنچسىز رايون شىنجاڭنىڭ خوتەن شەھىرىدە پىچاق كۆتۈرگەن ئۈچ كىشىنىڭ شاھمات ئويناش زالىدىكى كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە «ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى بولغان شىنجاڭدا يۈز بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمىشە، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق، بومبالار بىلەن ھۇجۇم ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن، بۆلگۈنچىلەرنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ» دېيىلگەن.
خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يەكشەنبە كۈنى خوتەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە دۈشەنبە كۈنى خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوتەننىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرىدىن ئىگىلىشىچە، زالدا شاھمات ئويناۋاتقان بىر قانچىلىغان كىشىلەر پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتا سودا قىلىۋاتقانلار ۋە باشقىلار دەرھال ساقچىغا خەۋەر قىلغان. قوراللانغان ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ھۇجۇمچىلارنى قورشىۋالغان. ساقچىلار شاھماتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ھۇجۇمچىلاردىن ئىككى نەپىرىنى ئېتىپ تاشلاپ، بىر نەپىرىنى يارىلاندۇرۇپ قولغا ئالغان. ۋەقەدە ئاممىدىن تۆت كىشى يارىلانغان. ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپ شۇ كۈنى ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خوتەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇخبىرنىڭ سوئالى جاۋابسىز قالغان.
ياپونىيەدىكى بەزى تور بەتلىرى ۋەقەنىڭ خوتەندىكى ھۆكۈمەت مېھمانخانىلىرىدىن بىرى بولغان يىنبىڭ مېھمانخانىسىنىڭ مېھمانلار ماجاڭ ئوينايدىغان ئۆيىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىز مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن خوتەن يىنبىڭ مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۈتكۈچى خىتاي قىز بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇ يەرنىڭ تىنچلىقىنى، ھېچقانداق ۋەقەنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى ھەتتا ئۆزىنىڭ خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈردى.
«جاپان تايمېس گېزىتى» دە بېيجىڭدىكى خەلقئارا سودا ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش بەدەن مەشىقى دەرسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ خىلدىكى دەرسلەرنىڭ ئۆتۈلۈشىگە خىتاينىڭ غەربىدە يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتلەرنىڭ سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقى، ئوقۇغۇچىلار دەرسىدىن ئېلىنغان سۈرەت بىلەن بىرگە كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىدىن نەقىل ئېلىپ تارقاتقان خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:45 ئۆتكەندە خوتەن شەھەرلىك يىڭبىن كوچىسىدىكى شاھمات ۋە قارت ئوينايدىغان بىر زالدا يۈز بەرگەن.
تايلاندتىن چىقىدىغان«باڭكوك پوست گېزىتى»نىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان نەق مەيداندىن ئېلىنغان سىنئالغۇ خەۋىرىمۇ خىتاي تىلىدىن ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تورغا قويۇلغان.
خىتايدىن چىقىدىغان «جەنۇبىي جۇڭگو پوچتىسى» گېزىتىدىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشى ھەققىدە توختالغان كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانتى مۇختارجان ئابدۇراخمان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ياپونىيەدىكى «ئاساھى شىمبۇن» قاتارلىق نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بۈگۈنكى سانىدا يەنە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى سوت دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمېنغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى ۋە شۇنداقلا 13 نەپەر كىشىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00