ياپونىيەنىڭ ناھا شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى

0:00 / 0:00

ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتى ناھا شەھىرىدىكى بىر قىسىم ياپون ۋەتەنپەرۋەرلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن مەزكۇر شەھەردە بۇگۇندىن باشلاپ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» تەشۋىقات پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ھازىر ئاڭلاۋاتقىڭلار، ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتى ناھا شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان«شەرقىي تۈركىستان كۈنى»پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىق پائالىيىتى بولۇپ، پائالىيەتتە ياپون ۋەتەنپەرۋەرلىرى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى تانو خانىم نۆۋەتتە باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مەزكۇر پائالىيەتكە ناھا شەھىرى خەلقىنىڭ قىزغىن قاتنىشىپ بېرىشىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، پائالىيەتنىڭ ئۈچ كۈنلۈك كۈنتەرتىپىنى بىلدۇردى. پائالىيەت جەريانىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم سۆز قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىدىن ئوكىناۋا خەلقىگە سالام يوللدى.

ناھا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەر چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدىن تۆتكە قەدەر ئوكىناۋا ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئۆيىدە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ قېتىقمى پائالىيەت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

پائالىيەتنىڭ كۈن تەتىپى بويىچە پائالىيەتنىڭ كەچلىك پروگراممىسى ئوكىناۋا خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش دەرسخانىسىدا كەچ سائەت يەتتىدە رەسمىي باشلىنىپ، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.

لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ كېيىنكى قىسمى بولسا سوئال - جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىپ، لېكسىيە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

لېسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇموتا ئەپەندى بۈگۈنكى لېكسىيە ھەققىدە توختىلىپ:«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 46 قېتىم ئاتوم بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاڭلاپ، مەزكۇر ئاتوم بومبىسى سىناقلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقىگە تولىمۇ ئىچىم ئاغرىدى. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئۆز يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىلىپ، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئەلىك ھايات كەچۈرمىشى مېنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان نەپرىتىمنى ئاشۇردى» دېدى.

ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمىنىڭ چەتئەللەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن مەلۇم بىر ئەسكىرى ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىسىدا كۆپ ماقالىلەرنى ئوقۇغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئۆز قۇلىقىم بىلەن زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلىرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن بۇ پاجىئەلەرنى ئاڭلاپ، ئۇيغۇرلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇش نىيىتىگە كەلدىم» دېدى.

تارىخ تەتقىقاتچىسى يامادا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«لېكسىيەدە دېيىلگەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر مائارىپىدىن سىقىپ چىقىرىش سىياسىتى مېنى تولىمۇ ئەجەپلەندۈردى. ئەلۋەتتە، بىز ھەركەتكە كېلىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىگە تەدبىر قوللىنىشىمىز ۋە خەلقارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ناھا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان«شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى بارلىق پروگراممىلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئوكىناۋادا ئېلىپ بېرىلىش مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ناھا شەھىرىدە باشلانغان«شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى بىر قىسىم پروگراممىلارنى خىتاي ئەلچىخانىسى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرىگە تېلېفون قىلىپ توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك دائىرىلەر ئەلچىخانىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلماي،ئەكسىچە پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.