ياپونىيەدە تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.03.16
ilham-mahmut.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار بىلەن يېقىندا فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى سېلىشتۇرما قىلغان ھالدا سۆز قىلغان. 2015-يىلى 17-يانۋار، ياپونىيە.
RFA/Qutluq


ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 13 - مارت ئوساكا شەھىرىنىڭ غەربىي رايونىدىكى بىر يىغىن زالىدا 2014 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە تايلاندتا پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن تۆتكە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەتكە ئوساكادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم ياپونلار ئىشتىراك قىلغان.

بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە 2014 - يىلىدىن باشلاپ تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىموتو كاتسۇيۇكى شۇنداقلا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت تەكلىپ قىلىنغان. بىراق، ئاساسلىق دوكلات سۆزلىگۇچى ئىموتو كاتسۇيۇكى شۇ كۈنى تۇيۇقسىز يۇقۇملۇق زۇكام بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان.

پائالىيەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام ماھمۇت دوكلات بېرىش يىغىنى ھەققىدە توختالدى.

بۇ قېتىمقىي يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئىلھام ماھمۇت دوكلاتىدا، تايلاندتا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىدە ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىموتو كاتسۇيۇكىنىڭ كۆپلىگەن ياردەملەردە بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ دوكلاتىدا تايلاندتىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ قارىشىچە، تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئاساسىي تىما قىلغان ھالدا 2014 - يىلىدىن تا ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقاتلار ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتشتا بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينىغان. لېكىن، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى 2014 - يىلىدىن باشلاپ تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تارقىتىلغان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىدى دەپ قارىغان.

بۇ خىلدىكى قاراشتىكىلەردىن ئاروما ياما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى تايلاندتىن تۈركىيەگە ئېلىپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسى يالغۇز تۈركىيەنىڭ خىزمىتىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىمۇ قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، يۈزدىن ئوشۇق مۇساپىر خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلدى» دېدى.

ئاروما ياما سۆزىدە يەنە: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى تايلاند ھۆكۈمىتىگە ھازىر تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئىلگىرى پاكىستان، ئافغانىستان، قازاقىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خەۋپگە ئۇچرىشى مۇمكىن» دېدى.

ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن كېنشى تارو، شى جىنپىڭ قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويغان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى يەنە قايتىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى ھەققىدە توختىلىپ: «بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى. ئەگەر شى جىنپىڭ تىبەت، ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتسە، ئەلۋەتتە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولدۇ. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىدە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك دەپ قارايمەن» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.