5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ياپونىيە كاگوشىما ئۆلكىسىنىڭ كاگوشىما شەھرىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىدە تۈركىيىلىك ئوقۇغۇچى چاغان تۈركىيە ۋە تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختىلىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ياپونىيە كاگوشىما خەلقارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۇلۇبىنىڭ ساھىپخانلىقىدا كاگوشىما شەھرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاماشتۇرۇش مەركىزىدە كاگوشىما ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز مەملىكەتلىرى ھەققىدە دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
مەزكۇر پائالىيەتكە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى، كاگوشىما خەلقارا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئەنگلىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار دوكلات سۆزلىگەن بولۇپ، تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈركلەر ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.
كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ياپون تىلى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۈركىيەلىك چاغجان كىشىلەرنىڭ «تۈرك» دېگەن مىللەتنى پەقەتلا تۈركىيەدە ياشايدۇ - دەپ پەرەز قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تۈركلەرنىڭ تۈركىيىدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بارلىقىنى شۇنداقلا 1990 - يىللاردىن كېيىن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپلىگەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەركىبى ئىكەنلىكىنى ئەسلەتتى.
تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچى چاغجان سۆزىدە ھازىر كىشىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسلىدە 1944 - 1949 - يىللىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان تۈركىي جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۈرلۈك ئازاپلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى نۆۋەتتە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئېيتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ پەقەتلا ئۇلار توغرىسىدا ھازىرغىچە دۇنياغا ئاشكارىلانغان پەقەتلا بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
چاغجان دوكلاتىدا 30 - ئاپرېل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتىلاش ۋەقەسى قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن 2013 - يىلىدىدىكى بىر يۈرۈش ۋەقەلەرنى كۆپچىلىككە ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئۇ،سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىدا تېخىچە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
تۈركىيە ۋە تۈركىي مىللەت ھەققىدە بېرىلگەن دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا چاغان ھازىرقى ۋاقىتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇ قىرىمنىڭ ئەسلىدە تۈركىيىگە تەۋە بولغان يەنى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇپراقلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئۇ يەردە ھازىرغىچە بىر قىسىم تاتارلارنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئەسلەتتى. ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى قىرىم مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئوخشاشلا ھالقىلىق مەسىلىلەردىن بىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
چاغجاننىڭ دوكلاتىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كاگوشىما خەلقارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى دوكتور سېئىجى ئەپەندىم دوكلات ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈنكى چاغجاننىڭ دوكلاتىدىن ئۇكرائىنادىكى قىرىمدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنىڭ ئەسلىدە تۈركىيەگە تەۋە تۇپراق ئىكەنلىكىنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن ئىبارەت خىتاي ئىچىدىكى بۇ رايوننىڭ ئىلگىرى مۇستەقىل بىر دۆلەت بولغانلىقىنى دوكلاتقا قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بەلكىم تۇنجى قېتىم ئاڭلىشى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.»
چاغجان دوكلاتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە قىرىم تۈركلىرى ھەققىدە سۆزلەشنى لايىق كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان خەلقارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى يۈكى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ دوكلات ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز بۈگۈن تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيە ھەققىدە سۆزلىگەن دوكلاتىدىن تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولدۇق. بۇ خىلدىكى دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئۆزى ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىشتا ئەھمىيىتى زور دەپ قارايمەن.»
دوكلات پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن گېرمانىيەلىك قىز ئېلىنا ئۆز دۆلىتى ھەققىدە توختىلىپ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مىللەتلەردىن تۈركلەرنىڭ نېمىسلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتى قوشقان تۆھپىسى بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ گېرمانىيە جەمىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە توختالدى.
ئېلىنا دوكلاتىدا ئۆزىنىڭ قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ كېيىن ئائىلىسى بىلەن گېرمانىيىگە كۆچۈپ بارغانلىقىنى، گەرچە ئۆزى ھازىر گېرمانىيەدە بولسىمۇ يەنىلا ئۆزى تۇغۇلغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پولو، قورداق، كاۋاپ قاتارلىق تاماقلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئى ۋە ئانىسىنىڭ پات - پات بۇ خىلدىكى تائاملارنى ئائىلىسىدە ئېتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككىنچى قېتىم سۆزگە چىققان ئەنگىلىيىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى جوسېف ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا ئەڭلىيە ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە پەقەتلا ئىنگلىزلارنىڭ دۆلىتى دەپ قارىلىپ كەلگەن بولسىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ ھازىر كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك بىر ئائىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئەڭلىيە جەمىيىتىدىكى ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلىق جاپالىق تىرىشىشى ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن يېتىشىپ چىققان ھەر ساھەدىكى مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدىن تۆت يېرىمغا قەدەر داۋاملاشتى. دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىگە كاگوشىما شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئائىلىلەر بويىچە قەدەم تەشرىپ قىلدى.
0:00 / 0:00