ياپونىيەدىن چىقىدىغان ئۇنىۋېرىسال خاراكتېرىدىكى ژۇرنال «شۇكان شىن چاۋ» ژۇرنىلىنىڭ 17 - دېكابىردىكى سانىغا «رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن تۈركىيە مەسىلىسىدە ئۆزىگە قايناقسۇ چېچىۋاتىدۇ» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ماقالىدە 24 - نويابىر تۈركىيە - سۈرىيە چېگرىسىدا تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ف - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى رۇسىيە تەرەپنىڭ سۇ - 24 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پەيدا بولغان تۈرلۈك ئىختىلاپلار توغرىسىدا بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزلارنى يۈرگۈزگەن.
ماقالىدە، ۋەقەدىن كېيىن پۇتىننىڭ تۈركىيە تەرەپنى ئىزچىل ھالدا ئەيىبلەپ: «تۈركىيە رۇسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ قىلمىشى ئۈچۈن چوڭ پۇشايمان قىلىدۇ»دەپ ئىزچىل ھالدا ئەنقەرە ھۆكۈمىتىگە ئېغىر تەھدىت سالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پەيدا بولغان بۇ خىل جىددىي دىپلوماتىك سۈركىلىشلەر ھازىرقى ۋاقىتتا بىر ئاز پەسەيگەندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ يەنىلا تۈركىيەنىڭ ھەرىكىتىنى دۈشمەنلىك ھەرىكەت دەپ قاراپ تۈركىيەگە تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازالارنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك قانۇنشۇناس ياماگۇچى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا قانۇن بويىچە ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر دۆلەت كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن، باشقا بىر دۆلەت ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلسا، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدۇ. شۇڭا رۇسىيە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتالىقىنى تونۇپ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دىپلوماتىك تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك دەپ قارايمەن.»
ماقالىدە يەنە، ھەربىي جەھەتتىكى كۈچىگە ئىزچىل ئىشىنىپ كېلىۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئويلىمىغان يەردىن تۈركىيە تەرەپتىن ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئۇنىڭ رۇسىيەدىكى يۈز ئابرويىغا ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتتىن پەرقلىق بولغان سىياسىي مەيدانىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزىلەر بېرىلگەن.
ماقالىدە پۇتىن، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاندىن ئەپۇ سوراشنى كۈتكەن بولسىمۇ، بىراق ئەردوغان ئويلىمىغان يەردىن ئەپۇ سوراش ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ ھەرىكىتىنى يوللۇق ھەرىكەت دەپ قارىغانلىقى، تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان قاتتىق قوللۇق دىپلوماتىيە سىياسىتى پۇتىننىڭ تۈركىيەنى «تېررورچىلاردىن نېفىت سېتىۋالدى» دەپ ئەيىبلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، شۇنداقتىمۇ ئەردوغاننىڭ بۇنىڭغا يەنىلا يىتەرلىك جاۋاب بېرىپ رۇسىيە تەرەپنىقېيىن ئەھۋالدا قويغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، تارىختىن بۇيان تۈركلەر بىلەن رۇسلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان زېمىن مەسىلىلىرى ۋە تارىخىي ئاداۋەت سەۋەبىدىن تۈركلەرنىڭ رۇسلارنى پەقەتلا ياقتۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر بۇ قېتىمقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۈركىلىش دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىنماي باشقىچە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، رۇسىيە ھەربىي كۈچىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسا،«پۇتىن تۈركىيە مەسىلىسىدە ئۆزىگە قايناقسۇ چېچىۋالىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
ماقالىدە ئاپتور، ئوتتۇرا شەرقتە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىۋاتقان سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ قارمۇ - قارشى پىكىردە بولۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تەسكە توختاۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئىككى دۆلەت بۇ مەسىلىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلمىسا، سۈرىيەنىڭ يەنىلا داۋاملىق ئوت ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بىردەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە، توكيودىكى ئىسلام ئەللىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلىرىدىن بىرى ئوسامۇنىڭ قارىشىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ،ئۇ: «رۇسىيە ھازىرقى ۋاقىتتا ئەڭ قېيىن ئەھۋالدا قالدى. رۇسىيە تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان 20% كۆكتات، 15% يېمەكلىكنى توختاتتى. ئەگەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تىزدىن ئەسلىگە كەلمىسە، رۇسىيە خەلقى ئاچلىق كرىزىسىغا دۇچار بولىدۇ» دېيىلگەن. بىراق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى تۈركىيەلىك مۇستەقىل تەتقىقاتچى مۇستافا تۈركىيە خەلقىنىڭمۇ رۇس خەلقىگە ئوخشاشلا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كرىزىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:«تۈركىيە ھەر يىلى رۇسىيەدىن ساياھەتكە كېلىدىغان بىر يېرىم مىليون ساياھەتچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمىگە ئېغىر زىيان شۇنداقلا رۇسىيەدىكى تۈركىيەنىڭ سودا ۋە قۇرۇلۇش شىركەتلىرى ۋاقىتلىق تىجارەتتىن توختىلدى» دېدى.
تەتقىقاتچى ئوسامۇ يەنە:«رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىمى تۈركىيەگە نېفىت ۋە گاز سېتىشتىن كېلىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتقان بىر پەيتتە،رۇسىيە تۈركىيەگە ئېنېرگىيە ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملىق توختاتسا، موسكۋا ئۆزىنىڭ قانداق ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىشى كېرەك» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە:«ئەگەر رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىن بىرى بولغان تۈركىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا، ئۇ چاغدا 3 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ» دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى ئارىما، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن تۈركىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا، موسكۋانىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ::«رۇسىيە 1978 - يىلىدىكى ئافغانىستان بىلەن بولغان سوۋېتلەر ئۇرۇشىنى ئەستە چىڭ ساقلىشى لازىم. ئەگەر رۇسىيە تۈركىيەگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىسا ئۇ چاغدا ئۇ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئورتاق بىر دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ئەسكىرىي كۈچىنى كۈچەيتىپ تاجىكىستان ئارقىلىق رۇسىيەگە يەنى كافكازىيە رايونىغا ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇرسا، ئاقىۋەتتە رۇسىيە يەنىلا بىر قىسىم زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىدە پۇتىن سوغاق قانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى كېرەك دەپ قارايمەن» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.