ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى


22 - چىسلا ئۈرۈمچىدە پارتىلاش يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىنلا ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە ئۇندىن باشقا قاناللار سائەت 11:30 دىكى خەۋەرلەر پروگراممىسىدا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خىتاي ئاخباراتلىرىدىن ئېلىنغان خەۋەرلەرنى تارقاتتى. ئەمما پۈتكۈل تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ۋەقەگە باھا بېرىلمىدى.

ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن NHK قانىلى 23 - چىسلا كەچ سائەت يەتتىدە بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، ۋاشىنگتوندىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پارتلاش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچار ناھىيىسى ئالىقاغا بازىرىدا بېشىغا ياغلىق ئارتقان، يۈزىنى ياپقان، ئۇزۇن ياغلىق سالغان خانىم - قىزلارنى مەجبۇرىي سولاپ قويغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توپلىشىپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەندە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچى ئاممىغا ئوق چىقىرىپ، كۆپلىگەن نامايىشچىلارنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ بېشىغا دوپپا كىيىشى بىلەن خانىم - قىزلارنىڭ ياغلىق ئارتىشى قاتارلىق مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «نىپپون كېزاي گېزىتى» نىڭ 23 - چىسلادىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئىچىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان ۋەقە دەپ كۆرسىتىلىپ، ۋەقەنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«نىپپون كەزاي گېزىتى» دىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەر.
«نىپپون كەزاي گېزىتى» دىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەر.


«نىپپون كېزاي گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى تىزدىن بىر تەرەپ قىلىپ، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ ئېيتىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى ھەسسىلەپ قاتتىق باستۇرۇشتىن كېيىن يەنە قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقار؟ ئەلۋەتتە يەنە باستۇرۇشتىن يەنە پارتلىتىش ھۇجۇمى كېلىپ چىقىدۇ. باستۇرۇش بىلەن پارتلىش ھۇجۇمىنى توختىتىپ قويغىلى بولارمۇ؟» دېيىلگەن.

مەزكۇر گېزىت بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتە مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان بارلىق تەمىنات ۋە باشقا جەھەتلەردە خىتايلاردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىقتسادىي كىرىمدىمۇ زور پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ھەققىدىكى بۇ خەۋەردە: «ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىلگەن تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا»دېيىلگەن.

گېزىتتە يەنە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزىمۇ نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدە بىرسى تېررورچى بولسا، پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى تېررورچى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

«ئاساھى شىمبۇن گېزىتى»نىڭ 23 - مايدىكى سانىدا «ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى 30 - ئاپرېل پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىتىكى جايدا يۈز بەردى. بۇ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى داۋامىدا يۈز بەرگەن ۋەقە. ۋەقە مىللىي زىددىيەتتىن كېلىپ چىققان» دېيىلگەن.

ئاساھى شىمبۇن گېزىتىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدە پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئەتراپتىكى بىر خىتاي رېستۇرانى خوجايىنىڭ بىلدۈرۈشىچە؛«10 مىنۇت ئىچىدە 10 قېتىم قاتتىق پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ كوچا بىردىنلا ئۆلۈكلەرگە توشۇپ كەتكەن.» خەۋەردە «ئەمدى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قوراللىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۇرۋېتىدىغان بولدى»دېيىلگەن.

«يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە:«بۇ، شى جىنپىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدا تەختكە چىققاندىن كېيىن خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋەقە» دەپ باھا بېرىلگەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا تېلېفون ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن، ۋەقە يۈز بەرگەن ئەتراپتىكى بىر مېھمانخانا خادىمى « ۋەقە بايراق ئېسىلغان ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ ھۇجۇمىدىن كېلىپ چىقتى. 20 دىن ئوشۇق كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلدى» دېگەن.

«مىنامى نىپپون گېزىتى» دە بولسا «شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەندىن كېيىن بۇ ۋەقەلەر يۈز بەردى. شى جىنپىڭ گۇرۇھى ۋەقەدىن چۆچۈپ كەتتى» دەپ يازغان. گېزىتتە ئۆلگۈچى ۋە يارىلانغۇچىلار ھەققىدە توختىلىپ، شياڭگاڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگۈچى ۋە يارىلانغۇچىلارنى 300 دىن ئوشۇق دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«نىشى نىپپون گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر گېزىتنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋەقەنى كۆرگۈچىلەردىن بىرى، ئۆزىنىڭ پارتلاشتىن تولىمۇ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقەنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئادەملەر كۆپ توپلاشقان يەرگە بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى ئارىسا خانىم بۇ قېتىمقى ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- مەن ئۇيغۇرلارنى راستىنلا چۈشىنىمەن. ئۇيغۇرلار ھازىرقى ۋاقىتتا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلار سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى، مەسىلىنى ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ ئەمەس، سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ۋە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بارمىسا، باستۇرۇش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.