ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ۋاكالەتچىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 25-مارت ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەدىكى «ئوكىناۋا مۇداپىيە مۇنبىرى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنغا ئوكىناۋا ۋىلايىتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ھەر ساھەلەردىكى ئەرباپلاردىن تەخمىنەن 100 دەك كىشى قاتناشقان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى سەرخىللارنى يوقىتىش ئوبېيكتى قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قوللانغان ھەر خىل سىياسى ئويۇنلىرى ھەققىدىكى بايانلار يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇنىڭ دوكلادىدىن كېيىن «ئوكىناۋا مۇداپىئە مۇنبىرى» نىڭ باشلىقى ساتورۇ ناكامۇرا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئوكىناۋا ۋىلايىتىدە مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ساتورۇ ناكامۇرا ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق، بۇندىن كېيىن مۇشۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۆپ قېتىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوكىناۋالىقلارغا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئوكىناۋادىكى ئاخبارات تۈزۈلمىسىگە تۈزۈتىش كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىشنى ئويلاشىمىز.»

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن تەسىراتىنى بايان قىلغان ياپونىيەلىك بىر خانىم، ياپونىيەدەك مۇستەقىل بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۆزىگە ئوخشاش ياپونلۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ خىل زۇلۇملارنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى، ياپونلۇقلارنىڭ ھەر ۋاقىت خىتايغا ئوخشاش تاجاۋۇزچى قوشنىسىدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىگىنى، ياپونلۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشى كېرەكلىگىنى تەكىتلىدى.

«ئەسلى بىز مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇشۇنداق تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان، يوقىتىلىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقان ئىنسانلارغا ياردەم بېرىش ئورنىدا ئىدۇق. ئەمما بىىز ھازىر ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىگە كېلىۋاتقان خەتەرلىك ئەھۋاللارنى بىلمەي، دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەي يۈرۈپتۇق. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنىڭ تولىمۇ ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. بىزنىڭ ئوكىناۋالىقلار ۋە ياپونلۇقلار چوقۇم ئويغىنىپ دۆلىتىمىزنى مۇداپىيە قىلىشتا ئومۇمىيۈزلۈك بىر ئويغىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىز ئەجداتلىرىمىزغا ئوخشاش قالغان مىللەتلەرگە ياردەمدە بولۇش، ئۇلارنىڭ قايتا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. ئەلۋەتتە، بىز ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىمىز.»

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە بولغان قىززىقىش بارغانچە كۈچەيگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن ئۆز ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلىشىدەك رىئال ۋەزىيەت، ياپونىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي سىياسىتىگە بولغان قىزىقىشنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى خىتاي بولمىغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق بېسىۋېلىنغان مىللەتلەر زىمىنىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ئۇنىڭ يېقىن قوشنىسى بولغان ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دىققتىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ۋە بۇ لاگېرلارغا قامالغان يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ياپونىيە جەمىيىتىدە كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتىكەن.