ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتى 2013 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ ئۇيغۇر تىلى سىنىپىنى تەسىس قىلغان. شۇندىن بۇيان كۆپلىگەن ئۇيغۇر تىل ھەۋەسكارلىرى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق بىلىملەرگە ئىگە بولغان.
قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن بىز ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى سىنىپى ئوقۇغۇچلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىل سىنىپىدىكى سەكسەن بەش ياشلىق موماي بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- مېنىڭ ئىسمىم يوشىرو سېئىكو، 85 ياشقا كىردىم. ھازىر خوسو ئۇنىۋېرىستېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن. مەن ئۇرۇش يىللىرىدا تۇغۇلغانلىقىم ئۈچۈن، ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. كېيىن خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئارزۇيۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، گەرچە ھازىر 85 ياشقا كىرىپ قالغان بولساممۇ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن.
ئۇيغۇر تىلى سىنىپىدىكى ئوئونو ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر تىل مۇئەللىمدىن ئۆگەنگەن، شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «مەڭگۈلۈكنىڭ قۇلۋىقى» ناملىق شېئىرىنى بىزگە دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
ئۇيغۇر تىلى سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن شىخو ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش تەسىراتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- ياخشىمۇسىلەر، مېنىڭ ئىسمىم ئايىشە، مېنىڭ ياپونچە ئىسمىم شىخو بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە ئايىشە دېگەن ئىسىمنى ئۆزۈمگە لايىق كۆرۈپ، ئۆزەمنى ئايىشە دەپ ئاتىۋالدىم. ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىمدىكى سەۋەب ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلار كۇتۇپخانا ۋە كىتابخانىلاردا ئاسانلىقچە تېپىلمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنى كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان تىل دەپ قاراپ ئۇنى ئۆگىنىش نىيىتىگە كەلدىم.
زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇيغۇر تىلىنى تۇنجى قېتىم ئۆگىنىشكە كىرىشكەن ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى ھېس قىلغان سېيموتو ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر تىلىنى قېتىقىنىپ ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
66 ياشلىق ئۇيغۇر تىلى ھەۋەسكارى گېئولوگ تېجىما ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا تەڭرىتاغلىرى، تەكلىماكان قۇملۇقى، لوپنور كۆلىگە ئائىت ياۋروپالىق ئارخېئولوگلارنىڭ يازغان كىتابلىرىنى ئوقۇپ، يىپەك يولىغا بولغان قىزىقىشىم ۋە بۇ يەرلەرنى زىيارەت قىلىش ئويۇم پەيدا بولغان ئىدى. ھازىرمۇ شۇ نىيەتتە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىپەك يولىنى ساياھەت قىلىپ كېلىش ئارزۇيۇم بار. شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتىمەن. گەرچە لوپنۇردا ئاتوم سىناقلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىنى كۆرۈش ئارزۇيۇم بار.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىقىش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر تىلىنى تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان ئايۇمى زىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۇستازىنىڭ تولىمۇ مۇلاھىم ۋە ئەستايدىللىقىنى ئېيتتى.
سىنىپتىكى 73 ياشلىق موماي زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىسىدا شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «خائىن تاغلار» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
بىز ئاخىرىدا ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرىستېتى ئۇيغۇر تىلى سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇققەدەس خانىمغا مېكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
دوكتور مۇققەدەس خانىم ئۇيغۇر تىلى سىنىپىنىڭ ئەھۋالى شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر تىلى سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ يالغۇزلا ئۇيغۇر تىلىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق ساۋاق بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە، بۇنىڭدىن كېيىن توكيودا يالغۇز ياپونلارغىلا ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋاق بېرىپ قالماي، بەلكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگىمۇ دەرس بېرىش ئويىنىڭ بارلىقى ھەققىدە توختالدى.
ئاخىرىدا دوكتور مۇقەددەس خانىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش ۋە ئانا تىلىنى ساقلاپ قىلىش ھەققىدە يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00