ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن .بۇ قەدىمقى يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىنغا جەمىيەتنىڭ ئۇيغۇر، ياپون ۋەكىللىرى قاتناشقان.

يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپچىلىك دوكلات بېرىلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەردە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە كۆپچىلىك بىردەك پىكىرلەشكەن.

يىغىندا يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان.

بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ۋە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى گۈلىستان خانىملار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.