ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى توكيودىكى چىدورىگافۇچى قەبرىستانلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 15 - ئاۋغۇست مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى توكيودىكى چىدورىگافۇچى قەبرىستانلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن كەچ سائەت بەشكە قەدەر داۋام قىلغان.

توكيودىكى چىدورىگافۇچى قەبرىستانلىقى بولسا، 1959 - يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەسىس قىلغان دۆلەتلىك قەبرىستانلىق بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان ياپون ئەسكەرلىرىدىن 350 مىڭدىن ئوشۇق ئەسكەرنىڭ جەسەت سۆڭىكى دەپن قىلىنغان كۆلىمى بىر قەدەر زور بولغان قەبرىستانلىقلاردىن بىرى.

ياپونلار ھەر يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈندىن 15 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇددا دىنىدىكى روھلار قايتىش بايرىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنى يەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان خاتىرە كۈنىدە مەملىكەت مىقياسى بويىچە قەبرە يوقلاش دىنىي پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا - تىللاۋەت قىلىدۇ.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى توكيودىكى چىدورىگافۇچى قەبرىستانلىقىغا بېرىپ بىر قىسىم قەبرە يوقلاشقا كەلگەن رەھبەرلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار قەبرە يوقلاشقا كەلگەن كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان بولۇپ، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان 46 قېتىملىق ئاتوم سىنىقى ھەققىدە توختالغان.

تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدە يەنە، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچمەنلەرنى يۆتكەش شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر قىسىم قىزلارنى ئىشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت ۋە كارخانىلارغا يۆتكەشتىن ئىبارەت، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان داتې خانىم بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ:«تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىمىزدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلگەن كۆپلىگەن قەبرە تاۋاپ قىلغۇچىلار بۇنىڭدىن كېيىن تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىدىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىشىنىمەنكى بۇ پائالىيىتىمىز ئارقىلىق بىز كۆپلىگەن كىشىلەرنى جەمئىيىتىمىزگە ئەزا قىلىپ توپلىيالايمىز» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان تاناكا ئەپەندى ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«قەبرە يوقلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ۋە پائالىيىتىمىزنى كۆرگەن كىشىلەر، ۋەتەنپەرۋەرلىكى كۈچلۈك، خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىگە نەپرەت بىلدۈرىۋاتقان، خىتايدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ دېيىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتى، دەل مەزكۇر قەبرىستانلىقتا شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشتا ۋاپات بولغانلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە توغرا كەلگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.