ياپونىيەدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىكى ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان «ئاجېر» قانىلى 22 - يانۋار كۈنى، يېقىندا ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئىشلىگەن تېلېۋىزور پروگراممىلىرى ۋە مەتبۇئاتلارىنىڭ ئېلان قىلغان زىيارەت خاتىرىسى ماقاللىرىدە ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرستىش خاھىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەنقىد قىلغان.

ياپونىيە «ئاجېر» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆھبەت پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ياپونىيە تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى فۇجى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:«نۆۋەتتە ياپونىيەدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار ۋە مەتبۇئاتلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نىسبەتەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە ئادىل بولمىغان باھالارنى بەرمەكتە. بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلاردا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرىستىش خاھىشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. شۇڭا بىز بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.»

پروفېسسور فۇجى سۆزىدە:«بىز ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشنى خالايدىغان كەڭ دوستلارنىڭ ياپونىيەدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاۋاتقان مەتبۇئات ۋە تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىشىنى ئوتتۇرغا قويدۇق. مەتبۇئات ۋە تاراتقۇلار ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئادىل پىكىر بايان قىلىشى، بىر تەرەپلىمىلىك قاراشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بولمىسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىدىن نېمە پەرقىي؟» دېدى.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بەزى سۆھبەت ۋە زىيارەت پروگراممىلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كاگوشىما خەلقارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى نىشىخارا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ :«شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ چىقىپ پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق "تېررورچىلار" دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيە قاتارلىق دولەتلەرگە كىتىشى ۋە شۇنداقلا باشقا ئەللەردە پاناھلىنىشىنىڭ ئالدىنى توسىغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدا خىتاي بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنى تايلاند باڭكوكتىكى تېررورغا باغلاپ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت دەلىللىمىگەن بۇ خىل تەشۋىقاتلارنى ياپونىيە تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلىرى تارقىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك» دېدى.

«ئاجېر» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەزكۇر سۆھبەت پروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر پروگراممىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

مەزكۇر ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر تەرەپلىمىلىك قاراشتا پروگرامما ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلغان مەتبۇئاتلار نامىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.