ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتاينىڭ يەكەن ۋەقەسىدىكى قىلمىشىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00


27 - ئىيۇل ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تور بېتىدە يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ يەكەن ۋەقەسىدىكى قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان دوكتور غالىپ مىجىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە،مەزكۇر باياناتنامىدا خىتاينىڭ يەكەن ناھىيەسىدە ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قوراللىق باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ يەكەن ناھىيەسىدە ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ھەققىدە ئوچۇق - ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

باياناتنامىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يەكەن ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەردىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، جۈملىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان.

دوكتور غالىپ مىجىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرىلاشقانلىقىنىڭ يەتمىش يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە خىتاي ھاكىمىيىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا باياناتنامىدە بىر قىسىم تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

نۆۋەتتە، دىققىتىڭلار بۇ ھەقتە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى دوكتور غالىپ مىجىت بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.