گۈلىستان خانىم: يەكەن ۋەقەسىدىكى شېھىتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك

0:00 / 0:00


28 - ئىيۇل كەچتە يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياپونىيەدىكى بىر قىسىم خانىم - قىزلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ۋەقەدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىنغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلغان.

يەكەن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىرى ئۈستىدە پىكىرلەشكەن شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى قوراللىق باستۇرۇشتىن ئىبارەت قەبىھ سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە جەمئىيىتىدە يەكەن ۋەقەسىنى قانداق شەكىلدە تەشۋىق قىلىش ۋە ئاڭلىتىشتەك بىر قاتار مەسىللەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن.

يەكەن ۋەقەسىدىكى شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي ئاكتىپ گۈلىستان خانىم بىلەن يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.