ياپونىيە سابىق باش ۋەزىرلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى توغرىسىدا ئىنكاسلار

ياپونىيىدە چىقىدىغان «جاپان تىمەس»، «ئاساھى» ۋە «مائىنىچى شىنبۇن» قاتارلىق گېزىت، مەتبۇئاتلاردا يېقىندىن بۇيانقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ياپونىيە باش ۋەزىرلىرىنىڭ ۋە ھازىرقى باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ ۋەكىلى ياماگۇچىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بولماقتا.

0:00 / 0:00

«مائىنىچى شىنبۇن» نىڭ خەۋىرىدە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې تەختكە چىققاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن ياپونىيە تەرەپنىڭ ئارال ماجىراسى كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئېلىپ، بىر-بىرىگە ئۇرۇش قىلىش ھالىتىگە كېلىپ قالدى. ئاقساراي ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې تەختكە چىقىشنىڭ ئالدىدا ياپون خەلقىگە، خەلقئارا جەمئىيەتكە «ياپونىيە زېمىن مەسىلىسىدە مۇنازىرىگە يول قويمايدۇ» دېگەن سۆزىدىن ھازىرمۇ يانغىنى يوق دەپ كۆرسەتكەن.

«جاپان تىمەس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ خىتايدا زىيارەتتە بولغان ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ھاتوياما خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىدىن جيا چىڭلىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئارال مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىغا ئۆزىنىڭ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھاتوياما، 1-ئاينىڭ 17-كۈنى نەنجىڭدىكى ياپون خىتاي ئۇرۇشىدا قازا قىلغان «نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى مۇزېيى» گە بېرىپ ئۇرۇشتا ياپون ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن خىتايلارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. سابىق باش ۋەزىر ھاتوياما بېيجىڭغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئارال مەسىلىسىدىكى «غوۋغاسى» غا قۇلاق سېلىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، توكيو ھاتوياماغا «ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زېمىن مەسىلىسىدە مۇنازىرىگە ئورۇن يوق» دەپ كەسكىن جاۋاب بەرگەن.

تېخى يېقىندىلا خىتايغا سەپەر قىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان، خىتاي، ياپون مۇناسىۋەتلىرىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان، نورىكو خانىم مۇنداق دېدى:
‏-خىتاي تەرەپ بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈش ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ھۆكۈمەت بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ.

سابىق باش ۋەزىر ھاتويامانىڭ ئىزچىل خىتاينى قوللاپ كەلگەن رەھبەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيىلىك بالمۇ مۇنداق دېدى:
‏-ھاتوياما خىتاي مەسىلىسىدە ھازىرغىچە ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان سىياسەتچى. ئۇ، بۇ مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.

«ئاساھى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىق باش ۋەزىر ھاتويامانىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ياپونىيىدە نوپۇزلۇق سىياسىي پارتىيىلەردىن بىرى بولغان ياپونىيە كومېئىتو پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ياماگۇچى، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا خىتاي خەلق سارىيىدا خىتاينىڭ رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى 40 يىللىق دىپلوماتىك دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئۆز-ئارا سەمىمىي سۆھبەتلىشىش بىلەن بىرگە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان مەكتۇپىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن. مەزكۇر خەتتە نېمىلەر دېيىلگەنلىكى نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ دېيىشىچە، ئىككى تەرەپ ئورتاق سەۋرچانلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پارلاق دوستلۇق ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياماگۇچى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى پارلاق دوستلۇق ئۈچۈن ياپونىيە كومېئىتو پارتىيىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

يەنە خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى مۇراياما بېيجىڭغا تۆت كۈنلۈك زىيارەتكە ماڭغان. مۇراياما خىتاي دۆلىتىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1995-يىلى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇرۇش جىنايىتى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغان. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى ئەلۋەتتە غەلىبىلىك بولىدۇ دەپ قارالغان. مۇراياما خىتايدىكى زىيارىتىدە تۇنجى بولۇپ، خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاڭ جيا شۇەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

خىتايدا چىقىدىغان «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىككى ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ يېقىن دوستلىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئۈچ كىشىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ھەققىدە، ھازىرقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ جۈنخۇڭ مۇنداق دەپ قارايدىكەن، سابىق باش ۋەزىر مۇراياما خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، كاتتا كۈتۈۋېلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ياپونىيە رەھبەرلىرى ئىچىدە خىتايدىن ئۇرۇش جىنايىتى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغان باش ۋەزىر. ياماگۇچى بولسا باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ ۋەكىلى. شۇڭا ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور. خىتاي چەتئەل ئىشلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇ يۇڭشېڭ، خىتاي دۆلىتىنىڭ كونا دوستلىرىدىن بۇ ئۈچىنىڭ خىتاينى دوستانە زىيارەت قىلىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق بىر نۇقتىغا چىقىش ئۈچۈن شوتا ئىزدەۋاتقانلىقى دەپ قارايدىكەن.

لېكىن، خىتايدىكى بەزى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشى باشقىچە بولۇپ، ئۇلار ياپونىيە كومېئىتو پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ياماگۇچىنىڭ خىتاي سەپىرىنى باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال مەسىلىسىنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ ئۈمىدى دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ياماگۇچىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان شۇنداقلا باش ۋەزىر شىنزو ئابې 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ دوكلات بەرگەندە، «ياپونىيە ئۆز تۇپراقلىرىنى قوغداشنى قارار قىلدى» دەپ جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن 1-ئاينىڭ 29-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لىي باياناتىدا، ياپونىيىنىڭ تىنچلىق يولىغا تايىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.