مەزكۇر ماقالىلەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتە ئاللىقاچان ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىپ بولغان، ماقالىدە خىتاي يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ، خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 2012 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ،2013 - يىلى 1 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قىلغان ھۇجۇملىرى كۆرسەتكۈچ جەدىۋەل ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە ياپونىيە كومېئىتو پارتىيىسىنىڭ مەسئۇ لى، باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ ۋەكىلى يامۇچىنىڭ 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۇۋاتقان سۈرىتى بېرىلگەن.
مەزكۇر گېزىتتە بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ياپونىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. سەۋەبىي «ئاساھى شىنبۇن گېزىتى» خىتاي مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا سولچىللىقنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان مەتبۇئاتلاتدىن بىرى ئىدى. مەزكۇر گېزىت، خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن بىشارەت بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئونودەرا 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كەچ سائەت يەتتىدە ئاخبارات ساھەسىگە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ 19 - يانۋار ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچى پاراخوتىدىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانىمۇ رادار ئارقىلىق نىشانغا ئالغانلىقىنى، ياپونىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە خەلقىنىڭ روھىي ھالىتىدە جىددىيلىك پەيدا بولۇپ، خىتاينىڭ ئارال مەسىلىسىدە ياپونىيىگە ئوت ئېچىش نىيىتىنىڭ بارلىقىدىن ئەندىشلەندى. ياپونىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى يامگۇچى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
- يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىلىرى، ھەربىي پاراخوتلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇرۇش قىلىش نىيىتى بارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
خىتاينىڭ مەتبۇئاتلىرى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىماي پەقەتلا، 4 - فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە 2 - فېۋرال ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسى ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىللىرىدا ياپونىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنغان جۇڭگونىڭ بېلىقچى كېمىسىدىكى 13 نەپەر خادىمىنىڭ 3 - فېۋرال كەچتە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ھەمدە دۆلەتكە قايتقانلىقنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ فۇكوكادىكى كونسۇلخانىسىنىڭ جىددىي ماسلىشىشى ئارقىسىدا چوڭ ياڭفۇ ف8139 بەلگىلىك بېلىقچى كېمىسى شۇ كۈنى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەندىن كېيىن، ياپونىيە كېمە ۋە خادىملارنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغان. بۇ كېمە 2 - فېۋرال كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ مىياكوجىما ئەتىراپىدا ياپونىيىگە تەۋە ئىقتىسادى دېڭىز ساھىلىدا قانۇنغا خىلاپ مەشغۇلات قىلدى دەپ گۇمانلىنىپ، ياپونىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ فۇكوكادىكى كونسۇلخانىسى مەسئۇل كونسۇلنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ، نۇرغۇن ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
«جاپان تىمېس گېزىتى»نىڭ 5 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 63 ياشلىق شۆ چاڭلۇڭ كاپىتانلىقىدىكى خىتاي بېلىقچى كېمىسى 2 - فېۋرال شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:45 ئۆتكەندە رۇخسەتسىز ھالدا ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادى رايونى يەنى ئوكىناۋادىكى مىياكى ئارىلىغا كىرگەن، خىتاينىڭ فۇكوكادىكى كونسۇلخانىسى بۇلارنىڭ قانۇنسىزلىق قىلمىشى ئۈچۈن ياپونىيە تەرەپگە تۆت مىليون ياپونىيە يېنى تۆلىگەنلىگەندىن كېيىن، بۇلار قويۇپ بېرىلگەن.
ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 5 - فېۋرال ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھادىن بەرگەن خەۋرىدە، خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ياپونىيىنىڭ ناھادىكى دېڭىز قوغداش قىسىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 - فېۋرال ئەتىگەن سائەت 9:45 دىن كەچ سائەت 11:40 گىچە بولغان ئارىلىقتا مۇشۇ ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرگەن. دېڭىز قوغداش قىسىملىرى سىگنال بېرىپ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرمەسلىكنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، خىتاي پاراخوتلىرى ئەنگىلىز،خىتاي تىللىرىدا «بۇ ئاراللار خىتاينىڭ ئاراللىرى» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.
ياپونىيە «يومىئۇرى شىنبۇن گېزىتى»نىڭ 5 - فېۋرالدىكى ئۇچۇرىدا دېيىشىچە، خىتاينىڭ ئەيجەن 46 ۋە ئەيجەن 51 بەلگىلىك ئىككى پاراخوتى 3 - فېۋرال يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 10:55 دە ئۇئوتسۇرىجىما ئارىلى ئەتراپىغا يېقىنلاشقان. پاراخوتلار دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن 9:25 لەردە كۇباجىما ئارىلىغا يېقىن يەردە ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى كېسىپ ئۆتكەن.
تېخى يېقىندىلا ياپونىيە تەرەپ ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ نەپەر ئەلچىسىنى خىتايغا ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي بېلىقچى كېمىسى ۋە خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ياپونىيە سۇ تەۋەلىكىگە كىرىپ، سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاشقان.
1 - فېۋرال جۈمە كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا، ياپونىيە كومېئىتو پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى، ياپونىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دىپلوماتىيە سىياسىتىدە خىتاي دۆلىتىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، باش ۋەزىر ئابې خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى، شۇڭا خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بەلگىلىك دائىرىدە بېسىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باش ۋەزىر شۇنداقلا 2010 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شاۋبونىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان. باش ۋەزىر جاناپلىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ياپونىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە كورىيە يېرىم ئارىلى بىلەن خىتايغا يۇمشاق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان.
يېقىندىن بۇيان سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك داۋاملىشىۋاتماقتا.
0:00 / 0:00