يېقىندا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى 2013-يىللىق ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىغا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئىتسۇنورى ئونودېرانىڭ بېغىشلىمىسى يېزىلغان.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىتسۇنورى ئونودېرانىڭ بېغىشلىمىسىدا: «خەلقنىڭ ھاياتىنى مال-مۈلكىنى، زېمىنىنى، دېڭىز تەۋەلىكىنى شۇنداقلا ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغدايلى!» دېيىلگەن.
مەزكۇر كىتاب ئۈچ بۆلۈم، 434 بەتتىن تەركىب تاپقان.
مەزكۇر كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى، بىرىنچى بابنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىقى، دوستلۇقى توغرىسىدا توختالغان.
مەزكۇر بابتا يەنە ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوننىڭ رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى ئورتاق قارىشى ۋە نىشانى بەلگىلىنىپ، بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى تەپسىلىي شەرھلىگەن.
بىرىنچى بۆلۈم بىرىنچى بابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. بۇنىڭدا ئاساسلىقى شىمالىي كورېيە دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ،شىمالىي كورېيەنىڭ كۆپ قېتىملىق يادرو قوراللار سىنىقىنىڭ تەھدىتى ۋە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ياپونىيە، كورېيە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىش پىلانى توغرىسىدا توختالغان.
بىرىنچى بۆلۈم بىرىنچى بابنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ياپونىيەنىڭ خىتايدىن تولىمۇ ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكى ئۈستىدە توختالغان.
مەزكۇر قىسمىدا خىتاي دۆلىتى بۇنىڭدىن كېيىن دېڭىز ۋە ھاۋادىن ياپونىيەگە كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ۋە شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ ئويلىمىغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلىتى ھەققىدىكى مەزكۇر قىسمىدا خىتاي دۆلىتى ئۆزى بىلەن قوشنا بولغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئارال مەسىلىسىدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ھەربىي جەھەتتىن سۈركىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئەشىۋاتقانلىقىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت مەزكۇر كىتاب ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
مەزكۇر كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن خىتاينىڭ خەلق تور بېتىدىكى تەھلىلچىلەرنىڭ مۇلاھىزىلىرىدە: «ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ئوڭچى كۈچلەر ياپونىيە دۆلىتى ئىچىدە «جۇڭگو تەھدىتى» نى تەرغىب قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇردى. ئېتىراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگونى قورشاۋغا ئالدى» دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى ياماگۇچى ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-جۇڭگو ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ ئاسىيانىڭ تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ياپونىيەگە. شۇڭا ياپونىيە ھەربىي جەھەتتە جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك،دەپ ئويلايمەن.
كىتابنىڭ ئۇندىن باشقا قىسمىدا ياپونىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي جەھەتتىكى سۆھبەتلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابى ۋە ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.