ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى خىتاي بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى بىلەن ئۇچراشتى

0:00 / 0:00

9-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئىتسۇنورى ئونودېرانىڭ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىغا بىلدۈرگەن باياناتىدىن NHK تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ھ-6 تىپلىق ئىككى دانە بومباردىمانچى ئايروپىلانى يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا رۇخسەتسىز كىرگەن.

NHK نىڭ تېلېۋىزىيە خەۋىرىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئونودېرانىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاينىڭ ئىككى دانە بومباردىمانچى ئايروپىلانى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىدىن ياپونىيىنىڭ تىنچ ئوكيان تەۋەلىكىدىكى ھاۋا بوشلۇقىغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ كىرگەن» دېيىلگەن.

NHK نىڭ خەۋىرىدە يەنە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئونودېرانىڭ، «ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى قوغدىنىش ئەترىتى دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئىككى دانە بومباردىمانچى ئايروپىلانى بىلەن ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا تالىشىش ئېلىپ باردى. بۇ خىتاينىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ياپونىيىنىڭ جەنۇبىي غەرب قىرغاقلىرىدىكى ھاۋا بوشلۇقىغا تۇنجى قېتىم كىرىشى» دېگەن سۆزىمۇ بېرىلگەن.

ياپونىيەدە چىقىدىغان «جاپان تىمېس» گېزىتىنىڭ 9-سېنتەبىر تور بېتىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ، ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ قوراللانغان كۈرەشچى رېئاكتىپ ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ خىتاينىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچرىشىشى ئىكەن.

جاپان تىمېس گېزىتىدە «توكيو ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ئاراللىرىغا يېقىن جايدىكى سېنكاكۇ ئارىلى قاتارلىق بىر قىسىم ئاراللارنى ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ قولىدىن سېتىۋېلىپ،ياپونىيە دۆلەت تېررىتورىيىسىگە ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقاندا، خىتاي بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرگەن» دېيىلگەن. خەۋەردە يەنە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 11-سېنتەبىردە سېنكاكۇ ئارىلى قاتارلىق ئاراللارنى سېتىۋالغان ئىدى دەپ ئەسكەرتىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك ناكو خانىم مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىنكى ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ قېتىم خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بولسا، «ياپونىيە تەرەپ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈردى، خىتاينىڭ ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا قىلغان ھۆرمەتسىز ھەربىي ھەرىكىتىنى تەنقىدلىدى. بۇ، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا رۇخسەتسىز كىرىشىنى ئاشكارىلىشى» دېيىلگەن.

خەۋەرەدە «خىتاينىڭ 6-H تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا بىلەن مىياكو ئارىلىنى كېسىپ ئۆتتى. خىتاينىڭ ھەربىي كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا رۇخسەتسىز كىرىشى بۇ تۇنجى قېتىملىقى بولماستىن، بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىمۇ خىتاي بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى سادىر قىلغان. شۇ قېتىمقى ۋەقەدىمۇ خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ توغرىلىقىنى ئېيتقان ئىدى» دېيىلگەن.

ياپونىيە قوغدىنىش پوچتا گېزىتىنىڭ تور بېتى «ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى خىتاي بومباردىمانچىلىرى بىلەن تۇتۇشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە؛ خىتاينىڭ توختىماستىن ياپونىيىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ۋە شۇنداقلا ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرىش ھەرىكىتىدە بولۇشى، توكيو بىلەن بېيجىڭنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ تۆت ھەربىي پاراخوتى ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدىكى ئاراللارغا رۇخسەتسىز كىردى. بۇ قېتىمقى ئوكىناۋا ئارىلىغا ھاۋا بوشلۇقىدىن بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ كىرىشى تولىمۇ خەتەرلىك، چۈنكى ئوكىناۋادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى بار، دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئۇندىن باشقا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن «گلوبال پوست» قاتارلىق مەتبۇئاتلارمۇ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئەينەن تارقاتقان.

NHK نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرگەن نارازىلىقىغا خىتاي دۆلىتى تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.