يېقىندا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «ياپونىيەنىڭ 2015-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاقتاشلىق كىتابى» دا خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيەنى ياپونىيەگە ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 424 بەتلىك مۇداپىئە ئاقتاشلىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى قوشنا دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى شىددەت بىلەن ئاشۇرۇپ دېڭىز-ئوكيان تەۋەلىكىدىلا ئەمەس، بەلكى بۇ رايونلاردىكى ھاۋا بوشلۇقلىرىدىمۇ چېگرا بەرپا قىلىشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى بۇزۇۋەتتى.»
ئاقتاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كىتابتا شىمالىي كورېيە مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېتىراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇۋاتقان خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيەگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەزكۇر كىتاب ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گېن ناكاتانىنىڭ بېغىشلىمىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، كىتاب 5 بابتىن تەركىب تاپقان.
ئاقتاشلىق كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدا، ئاساسلىقى خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئوتتۇرا شەرقتىكى «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى»نىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە سېلىۋاتقان ئۈزلۈكسىز تەھدىتى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى بابىدا، خىتاي تەھدىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ داۋالغۇش ئىچىدىكى ۋەزىيىتى، خىتاي بىلەن بولغان قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تارىختىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئارال ماجىرالىرى سۆزلەنگەن. ئۈچىنچى بابىدا، دۇنيا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقى ئېيتىلغان. تۆتىنچى بابىدا بولسا، ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەمكارلىقلار ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش بىرلىكى ھەققىدە توختالغان. بەشىنچى بابىدا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ كۈندىن-كۈنگە جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيىتى ۋە چاۋشەننىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە بولغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر ئاقتاشلىق كىتابنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتى ھەققىدە توختالغان بابىدا، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش، مۇستەقىللىق ئىستىكىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى، شۇڭا بۇ رايونلاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىغا 2016-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوت ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان بولۇپ،خام چوت سومىسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان، ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەربىي كۈچىنى تەرەقىقي قىلدۇرۇپ،ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بولغان زېمىن تالاش-تارتىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئېھتىيات قىلماقچى ئىكەن.
مەتبۇئاتلاردا دېيىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئىلتىماسى ئىچكى كابېنىتنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتسە، بۇ، ياپونىيەنىڭ ئۇدا تۆت يىل مۇداپىئە خام چوت سومىسىنى ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس مۇلاھىزە پروگراممىلىرىدا ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى خام چوت ئىلتىماس سومىسى 5 تىرىليون 91 مىليارد 100 مىليون يىن(تەخمىنەن 42 مىليارد دوللار) بولۇپ، 2015-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوت سوممىسىدىن 2.2% كۆپ بولغان.
بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ پەرىزىدە، بۇ پۇللار ئىلغار ئەسلىھەلەرنى كىرگۈزۈش، ئېتىراپتىكى دېڭىز رايونى ۋە ئاراللاردا قاراۋۇللۇق قىلىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىتاينى ئىسكەنجىگە ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن.
خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خىتاي بىلەن بولغان جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان دەپ قارىلىدىكەن.
بىر قىسىم ياپونىيەلىك ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ئاقتاشلىق كىتابى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇنىڭغا باھا بېرىپ:«بۇ، ياپونىيە مىللىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نىشانى» دېسە، بەزىلەر: «بۇ، بېيجىڭنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن» دەپ پەرەز قىلىشقان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئىشلىرى بويىچە مۇستەقىل تەتقىقاتچى يۇرىنا خانىم ئاقتاشلىق كىتاب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ياپونلار ئۇرۇشتىن بىزار، شۇ سەۋەبتىن 30-ئاۋغۇست توكيودىكى ئىچكى كابېنىت بىناسى ئالدىغا 120 مىڭ كىشى يىغىلىپ شىنزو ئابېنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ياپونىيەنى ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىقتۇق. نامايىش بىرلا ۋاقىتتا ياپونىيەنىڭ پۈتكۈل جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.