ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ قىلمىشىغا قارشى تەكلىپ لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى

0:00 / 0:00

يېقىندا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ماسامۇنېنى بىلەن كۆرۈشكەندە، ۋادا ئۆزىنىڭ يېقىندا ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش قىلمىشىغا قارشى بىر تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ماسامۇنېنى يېقىندا توكيودا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇچرىشىشىدا، ئۆزى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ پات ئارىدا ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش قىلمىشىغا قارشى بىر تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر لايىھەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش قىلمىشىغا قارشى تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان پارلامېنت ئەزاسى ۋادا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«ئاسىيانىڭ ئەركىن دېموكراتىيەلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتايدا ساقلىنىۋاتقان بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك» دېدى.

پارلامېنت ئەزاسى ۋادا بۇ تەكلىپ لاھىيەسى توغرىسىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېقىندا توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە قىلغان نۇتىقىدىمۇ، بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۆزىنىڭ ھازىر جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھېمايىچىسى ساتو تاكاشى مۇنداق دېدى:«پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ئەپەندى نۇتىقىدا خىتايدىكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش مەسىلىسىنى ياپونىيە پارلامېنتىدا پات يېقىندا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى خىتاي مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىرىدىن ئاروما خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش مەسىلىسىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدا بالدۇراق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنىڭغا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار خىتايدىكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەت ۋە موڭغۇللار. چۈنكى، خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار قەبىھ جازالارغا ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا دۇنيا بالدۇراق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.»

تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە پارلامېنتىدا بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى ياپونىيەدە ئاڭلىتىشتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ياپونىيە قەلبى پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ تېخى يېقىندىلا توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە «ياپونىيە دۆلەت سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تىمىدا مەخسۇس بىر سائەت دوكلات سۆزلەپ، دوكلاتىدا، ئۆزىنىڭ بىر قانچە قېتىم ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر بەزى بىر لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېيدىن سوئال سورىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.