ياپونىيە ساكۇرا تېلېۋىزىيە قانىلىدا «يىلقىچى ۋەقەسى» توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماخمۇت ياپونىيە ساكۇرا تېلېۋىزىيە قانىلىدا
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماخمۇت ياپونىيە ساكۇرا تېلېۋىزىيە قانىلىدا
RFA/Qutlan

قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋەقەسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئېنىقلىنىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «ماينىچى شىنبۇن» قاتارلىق گېزىتلەردە مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلىي خەۋەرلەر بېرىلدى.

توكيودىكى «ساكۇرا» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 8:00 دىكى سۆھبەت پروگراممىسىدا 20-ئاۋغۇست قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يىلقىچى كەنتىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

مەزكۇر ۋەقە «ساكۇرا» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پروگراممىسىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن ياپونىيە جەمئىيىتىدە ۋەقەگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ساكۇرا تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماخمۇت قاتنىشىپ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە بەرگەن.

تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىغا يەنە بىر قىسىم پروفېسسور،ئوبزورچىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

بىز مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پروگراممىسى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماخمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت