15 - ئاپرېلدا ياركەنت شەھىرىدە يىگىت باشلىرىغا بېغىشلانغان مەشرەپ بولۇپ ئۆتتى. ياركەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن مەشرەپ ئەھلى ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چوڭ يىگىت باشلىرىنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن كۈتىۋالدى. مەشرەپ بېگى ئۆزىنىڭ كىرىش سۆزىدە مەزكۇر مەشرەپنىڭ قازاقىستاندىكى چوڭ خاتىرىلەر، يەنى قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ 20 يىللىقى، قازاق خانلىقىنىڭ 550 يىللىقى، سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىدىكى غالىبىيەتنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا قازاقىستان پرېزىدېنتى سايلىمى ھارپىسىدا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مەشرەپنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەرنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولى ھەمدە ياشلارنى تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت باشلىرىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۈتوف، پانفىلوف ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇسالام ئەلىيېف شۇنداقلا ياركەنت شەھەرلىك ھاكىمچىلىقى ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار يىگىت باشلىرىنىڭ قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى، ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. مەشرەپتە ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسەتكەن بىر قاتار يىگىت باشلىرى پەخرىي يارلىقلار بىلەن تەقدىرلەندى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پانفىلوف ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇسالام ئەلىيېف، پانفىلوف ناھىيىلىك باش يىگىت بېشى ئازادجان ئىسكەندەروف ۋە ياركەنت شەھەرلىك يىگىت باشلىرىنىڭ بىرى نۇرمۇھەممەت ئابدۇللائېف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00