ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى بايانلىرى (4)
2018.10.15
4-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 15 ماددىلىق قارار ماقۇللانغان ئىدى. مەزكۇر قارار ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ۋەكىللىرى خىتاي بېسىمىغا قارشى ئۇيغۇر دىيارى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ناھايىتى كەسكىن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ھەربىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ۋاقتى پەقەتلا 1 مىنۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇ 1 مىنۇت ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر ۋەزىيەت ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن روشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بۇ نۇتۇقلىرىنى «خىتاينىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن نۇتۇقلار» دەپ باھالىدى.
يىغىندا «ئەركىن ياۋروپا ۋە دېموكراتىيە گۇرۇھى» نىڭ ئەنگلىيەلىك ۋەكىلى مارگوت پاركېر خانىم سۆزىدە خىتاينى ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خەلقئارادا خىتاينىڭ رولى زور ۋە بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ بۇنىڭغا ماس قەدەمدە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى ھەم مەسئۇلىيەتلىرى بار. خىتاي بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى لازىم. خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى. بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەۋجۇت. خىتاي بۇنى خەلقئاراغا ‘ئەسەبىي ئىسلامىي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش’ دەپ ئىزاھلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى چەكتىن ئېشىپ، قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتتى. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ئاساسلىق يەرلىك مىللەتنىڭ كىشىلىك ھەقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ ۋە بۇ مىللەت خارلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ئەگەر خەلقئارادا كۈچلۈك بىر دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئۆز زىممىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ قانداق بىر دۆلەت بولغانلىقىنى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئىجابىي ياكى سەلبىي نەتىجە ياراتقانلىقى بەلگىلەيدۇ.»
«ياۋروپا خەلق پارتىيەسى گۇرۇھى» نىڭ رۇمىنىيەلىك ۋەكىلى كسابا سوگور سۆزىدە ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن بىردىن كىشىنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدىكى ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا بىز ئۇزۇندىن بۇيان ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. ھەممىدىن زىيادە بولغىنى بۈگۈن ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇر، تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەددىدىن ئارتۇق ئېتنىك ۋە دىنىي جەھەتلەردىكى باستۇرۇشتۇر. بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونىدىكى ‹تەربىيەلەش ئورنى› دەپ نام قويۇلغان جازا لاگېرلىرىدىكى دەپسەندىچىلىكلەردۇر. بۇ يەرگە قامالغانلار قايتىپ چىقالمايدۇ. زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ قامالغانلىقى تېخى نامەلۇم. مەلۇم بولغىنى شۇكى، ھەربىر ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ بىر ئەزاسى تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەگەر خىتاي بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈشنىڭ يەنە زۆرۈرىيىتى مەۋجۇت بولسا، بۇ پاجىئەلەرگە دەرھال خاتىمە بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز لازىم.»
ئۇيغۇر زىيالىيسى، گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارىنىڭ ئاخىرى دۇنياغا ئاڭلانغانلىقىدىن ۋە د ئۇ ق قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىنىمسىز ئەجرىدىن» دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«ياۋروپا خەلق پارتىيەسى گۇرۇھى» نىڭ پولشالىق ۋەكىلى كرىستوف ھېتمان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزاسىدۇر. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بۈگۈنكى ۋەزىيەت بۇ يەردە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا قارىتا ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. تۈركۈملەپ ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار ‹تەربىيەلەش ئورنى› دېگەن نامدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ‹بالىلار جازا لاگېرلىرى› غا سولانماقتا. خىتاينىڭ ئاز سانلىق بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىگە تاجاۋۇز قىلىشى چەكتىن ئاشقان. 2017-يىلى خىتاي دائىرىلىرى 75 دانە ‹بالىلار تەربىيەلەش ئورنى› قۇرۇپ چىققان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 30 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ، زامانىۋى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كىشىلىك ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك نازارەت سىستېمىسىغا مەھكۇم قىلغان. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق نازارەتلەرنى بىكار قىلىشى، لاگېرلارنى تاقاپ، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى ئازاد قىلىشى، تۈرمىلەردىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى لازىم ۋە بىز بۇ رايونغا كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋاللىرى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك.»
«ياۋروپا خەلق پارتىيەسى گۇرۇھى» نىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋەكىلى ستانىسلاۋ پولچاك جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى «ئېتنىك ئۇرۇش» دەپ ئاتىغان پارلامېنت ئەزاسىدۇر. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدىكى ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئاز سانلىق بىر مىللەتنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لوپېز ئەپەندى جازا لاگېرلىرى ۋە بۇنىڭ خەلقئارادىكى دەلىللىرى ھەققىدە توختالدى ھەمدە خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە دەرھال سۆزلىشىشنى تىلغا ئالدى. شافخائۇسېر ئەپەندى بولسا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى پاكىتلارنى يېتەرسىز دەپ ئىزاھلىغان بولدى. مېنىڭ دەيدىغىنىم، خىتاينىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرى ۋە بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر بۇ رايوندا ئېتنىك ئۇرۇش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلاردا قىينالماقتا. بۇ ئاز سانلىق مىللەتنىڭ كىملىكى ۋە مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنى دەرھال قىلىشىمىز، ئۇلارنى ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئازاد قىلىشىمىز لازىم.»
«ياۋروپا ئەركىنلىك پارتىيەسى ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى ئىتتىپاقى گۇرۇھى» نىڭ ئەنگلىيەلىك ۋەكىلى ۋاجىد خان مۇنداق دېگەن: «بىر دۆلەت ئەگەر ساقچى دۆلىتى تۈزۈمىدە مىليونلىغان ئىنساننى لاگېرلارغا قاماپ تۇتقۇندا ياشاشقا مەجبۇرلىسا، بۇ خىل ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابىدا خەلقئارا سوتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات توسالغۇلىرىدىن ئەندىشىدە بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما بۇنىڭ مۇۋاپىق چارىلىرىنى ئىزدەش لازىم. خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى 1 مىليون بىلەن 2 مىليون ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلماقتا. مەن خىتاينى لاگېرلارنى دەرھال تاقاپ، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دەرھال توختىتىپ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى ئازاد قىلىشقا چاقىرىمەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. بۇ ئاپەتكە خاتىمە بېرىشتىمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھەر بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ مەزكۇر قارارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى سورايمەن.»
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ نەتىجىگە يۇقۇرى باھا بەردى.