ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى بايانلىرى (5)
2018.10.16
4-ئۆكتەبىر فىرانسىيەنىڭ شىتراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي تەرىپىدىن «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 15 ماددىلىق قارار ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ۋەكىللىرى خىتاي بېسىمىغا قارشى ئۇيغۇر دىيارى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ناھايىتى كەسكىن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
«ياۋروپا پارلامېنتى سوتسىيالىستلار ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇھى» نىڭ لىتۋالىق ۋەكىلى پېتراس ئائۇسترەۋىشىئۇس(Petras Auštrevičius) ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق تاللاش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ناھايىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى تەرەققىياتتىن ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىشلار، قىرغىن قىلىشلارغا ئۇچرىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىي جەھەتلەردىن تەربىيەلىنىش ھەقلىرى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان. بۈگۈنكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ دىنىدا ياشىيالىشى، خاس مەدەنىيىتىنى ياشنىتالىشى، ئۇلاردا تاللاش ھوقۇقى بولۇشى لازىم. ئەمما رېئاللىق بۇنداق ئەمەس. ياۋروپا كومىتېتى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەت ۋە دىئالوگلاردا بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆز مەيدانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم».
«ياۋروپا خەلق پارتىيەسى گۇرۇھى» نىڭ پورتۇگالىيەلىك ۋەكىلى جوسې ئىناكىئو فارىئا (José Inacio Faria) ئەپەندى خىتاينى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پارلامېنتىمىزدا خىتايدىكى كىشىلىك ئەركىنلىك، ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت كۆپلىگەن مەسىلىلەر ۋە بۇنىڭ پاكىتلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئىسپاتلاندى. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ يېڭى پارتىيە رەھبىرى ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن مۇستەبىت سىياسەت بىلەن خەلقنى ئېغىر رېجىم ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. 2013-يىلى شى جىنپىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. كۆرۈۋاتقانلىرىمىز ئەكسىچە بولماقتا، ئىنسانىي ھوقۇق ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك تېخىمۇ ئەشەددىي دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا. نۇرغۇنلىغان پاكىتلار ۋە مەلۇماتلار ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، لاگېرلارغا تۈركۈملەپ قامىلىپ دىنىي ئېتىقادىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىۋاتقانلىقىنى، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە. بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دەرھال توختىتىلىشى كېرەك!»
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 15 ماددىلىق قارار ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
«ياۋروپا خەلق پارتىيەسى گۇرۇھى» نىڭ چېخ جۇمھۇرىيەتلىك ۋەكىلى مىخائېلا سوخدروۋا(Michaela Sohdrova) خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمىز زور ئەندىشە قوزغايدىغان مەسىلىدۇر. بىر مىليون ئىنسان تەربىيەلەش مەركىزىگە قامالغان. شىنجاڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈرمىگە ئايلانغان. بۇ تۇتقۇنلار تېررورىزم گۇمانى ياكى ئىدىيەسى تېررورلۇق بىلەن يۇقۇملانغانلار سۈپىتىدە تەسۋىرلەنمەكتە ھەمدە خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاسىتە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا. 1-ئۆكتەبىر نۇرغۇنلىغان تۇتقۇنلار برونېۋىكلارنىڭ مۇھاسىرىسىدە دېرىزىلىرى ئېتىۋېتىلگەن پويىزلاردا خىتاينىڭ شىمالىي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن. بۇ ئىستالىن دەۋرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باستۇرۇشلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ خىل ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىشىغا خاتىمە بېرىش ۋە رايوننىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك».
«ياۋروپا خەلق پارتىيەسى گۇرۇھى» نىڭ خورۋاتىيەلىك ۋەكىلى دۇبراۋكا سۇيسا(Dubravka Suica) خانىم ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن مەخسۇس بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ب د ت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى مەسىلىسىدە تالاش-تارتىشلار بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشى، ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغاندا، خىتاي تەرەپ ئىنكار قىلغان، بۇ يەردە ئويۇن ئوينىغان ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى مۇخبىرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توغرا مەلۇمات ئىگىلىشىگە توسالغۇ بولماقتا ھەمدە قىلمىشلىرىنى يوشۇرماقتا. مۇشۇنداق ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى ۋە بۇ خۇسۇستا مۇنازىرە قوزغىغانلىقى، خىتاينىڭ خاتا تەشۋىقاتلىرىغا خاتىمە بەرگەنلىكى ئىنتايىن ياخشى بىر ئىش بولدى. مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاپ، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
پارلامېنت يىغىنىدا ئاخىرقى قېتىم سۆز ئالغان «ياۋروپا سوتسىيال لىبېراللار پارتىيەسى» نىڭ پولشالىق ۋەكىلى ئەلزبىئېتا بېنكوۋسكا(Elżbieta Bieńkowska) خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارانىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىدىن ھەممە كىشىنىڭ خەۋىرى بار. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، دىن، تەرەققىيات، ئىش پۇرسەتلىرى، بىخەتەرلىكى، ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئامىللارنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدە مەلۇماتلار يېتەرلىك. بۈگۈن مىليونلىغان ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ ۋەھىمە ئىچىدە ھايات كۆچۈرمەكتە. جەمئىيەتتىكى قولۇم-قوشنىلارمۇ بىر بىرىدىن ئەندىشە قىلىپ ياشىماقتا. چەتكە قېقىلماقتا. خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا چارىسىز قالغان ئۇيغۇرلار ھازىر خەلقئارانىڭ جىددىي ياردىمىنى كۈتمەكتە. بىز بۇ يىل 7-ئايدا خىتاي بىلەن بولغان ئاخىرقى دىئالوگىمىزدا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دىن، مەدەنىيەت مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. بۈگۈن مۇھىم بولغىنى، خىتاينى ب د ت نىڭ قائىدە-قانۇنلىرىغا بوي سۇنۇشقا مەجبۇرلاش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە رىئايە قىلىشقا قىستاش لازىم. ھەممىدىنمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-پىكىر ئەركىنلىكىگە، كىشىلىك ھەقلىرىگە، ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئەركىن يۆتكىلىش ھوقۇقىغا، يىغىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن دۆلىتى سىياسىتىنى بۇ رايوندا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش لازىم».
ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يۇقىرىقى نۇتۇقلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 700 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بۇ يىغىندا 650 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 15 ماددىلىق قارار رەسمىي قوبۇل قىلىنغان.
د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 15 ماددىلىق قارارىنى «تارىخىي قارار» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئۇنىڭ خىتايغا زور زەربىلەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.