4-ئۆكتەبىر فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا 15 ماددىلىق قارار ماقۇللىغان ئىدى. مەزكۇر قارار ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئوخشىمىغان پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر دىيارى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
«ياۋروپا ئىتتىپاقى سولچىللار كونفېدىراتسىيونى - شىمالىي ياۋروپا گۇرۇھى» نىڭ پورتىگالىيەلىك ۋەكىلى جوئا پىمېنتا لوپېس مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بايانلار 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ راستلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بىر دۆلەتنىڭ بۇ قەدەر چەكلىمىسىز باستۇرۇشلىرىغا، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارغا قارىتا دەرىجىدىن تاشقىرى دەپسەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بىز 3-دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن جازا لاگېرلىرىغا ئائىت ئىنتايىن ھەيران قالارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىمپىرىيالىستلارنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر باستۇرۇشلىرىغا سۈكۈت قىلىدىغان بىر ئورۇن بولۇپ قالماسلىقى لازىم.»
«ياۋروپا ئەركىنلىك پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى ئىتتىپاقى گۇرۇھى» نىڭ ئېستونىيەلىك ۋەكىلى ئۇرماس پائېت مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتايدىكى ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› ئاتلىق لاگېرلار يارىتىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا توختىلىۋاتىدۇ. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولىمەن دەپ ئۆز خەلقىنى ئازابلىسا خاتالىشىدۇ. ب د ت نىڭ مەلۇماتلىرىدىن 1 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ھەقسىز ھالدا لاگېرلارغا قامالغانلىقى مەلۇم. ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى ئۇلارنىڭ نەلەرگە قامالغانلىقىنى، ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى بىلمەيدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ رايوندا ئوخشىمىغان تېخنىكىلار بىلەن كوچا-كويلارنى، ئۆيلەرنى، ماشىنىلارنى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىپ تەقىب ئاستىدا تۇتماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى غايىب قىلىنغانلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە رىئايە قىلىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ تېما ھەققىدە خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن كەسكىن سۆزلىشىشى لازىم.»
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ نۇتۇقلىرى توغرىسىدا توختالغاندا بۇ گەپلەرنى گويا ئۇيغۇرلار سۆزلەۋاتقاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سادادەك ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«ئەركىن ياۋروپا ۋە دېموكراتىيە گۇرۇھى» نىڭ ئىتالىيەلىك ۋەكىلى فابىيو ماسسىمو كاستالدو مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن چىققان سايراگۈل ساۋۇتنىڭ مەلۇماتلىرىغا كۆرە خىتاينىڭ تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قامالغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق سۈكۈتتە، قورقۇنچ ئىچىدە ھايات كۆچۈرمەكتە. ئەمما ئۇلارنىڭ سانىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى تېخى مەلۇم ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاشكارىلانغان ئېنىق مەلۇماتمۇ يوق. بىزگە ئېنىق مەلۇم بولغىنى، ئۇ يەردىكى ئاز سانلىق بىر مىللەت خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشىدۇر. زەربە يەپ تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئۆز ماكانلىرىغا قايتىپ كېلەلمەسلىكى، غايىب قىلىنىشى ھەمدە بۇ تەربىيىلەش لاگېرلىرىنىڭ زادى قەيەردىلىكىنىڭ بىلىنمەسلىكى بىزنى ئەندىشىگە سالىدىغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈكۈت قىلالمايدىغان، خىتايدىن ھېسابىنى سورايدىغان مەسىلىدۇر.»
«ياۋروپا مىللەتلىرى ئەركىنلىك گۇرۇھى» نىڭ فرانسىيەلىك ۋەكىلى جېئان لۇشافخائۇسېر ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشقا قارشى چىققان پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ رايونىدا خېلى يىللاردىن بۇيان رادىكال كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ كەلگەن، ئىسلام قوراللىقلىرى باش كۆتۈرگەن. بۇ خىل رادىكاللىقنى قايسى بىر دۆلەت نازارەت قىلمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالمايدۇ؟ خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنىمۇ دەل مۇشۇ. ‹2 مىليون ئۇيغۇر تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا جازالىنىۋاتىدۇ› دېگەنلىك كۈلكىلىك بىر گەپ ھەم بۇنىڭ ئىسپاتىمۇ يوق. بۇ سان پارىژ نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنى تىلغا كەلتۈرۈشكە قىزىققانلار ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ كۆرۈشلىرى لازىم.»
«ياۋروپا خەلق پارتىيەسى گۇرۇھى» نىڭ ئېرلاندىيەلىك ۋەكىلى سېئان كېللى مۇنداق دېگەن: «بىز بۈگۈن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى ناچار ئەھۋاللار توغرىسىدا، بولۇپمۇ ئازسانلىق بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك ھەققىنىڭ بوغۇلۇشى ئۈستىدە توختىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان چەكلىمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە مۈشكۈلاتلارغا يولۇقۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ سىياسىي تۇتقۇنلار ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ بۇ ناچار ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. مەن تۇتقۇندىكى كىشىلەرنىڭ دەرھال ئازاد قىلىنىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-پىكىر، يىغىلىش ئەركىنلىكىنىڭ دائىم كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاي بىلەن ياۋروپا بىرلىكى مۇناسىۋەتلىرىدىكى دائىملىق تېما. بۇنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياردىمى تېگىشىنى خالايمەن.»
«ياۋروپا ئەركىنلىك پارتىيەسى ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى ئىتتىپاقى گۇرۇھى» نىڭ ئىسپانىيەلىك ۋەكىلى رامون ترېموسا بالچېلس مۇنداق دېگەن: «مەن ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىننىڭ ئىشتىراكچىلىرىغا سالىمىمنى بىلدۈرىمەن. بىز ياۋروپا پارلامېنتىنى ‹كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسى› نىڭ روھىغا بىنائەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى ئاستىدا ‹تەربىيىلەش مەركىزى› نامىدىكى لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇنىڭغا قامالغان ئىنسانلارنى ئازاد قىلىش يولىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىمىز ھەمدە بۇ لاگېرلارغا قامالغان 1 مىليون ئىنسان ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىقلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ئاجرىتىشنى سورايمىز. خىتاي بۈيۈك بىر دۆلەت. بۇ دۆلەتنىڭ ئېتنىك جەھەتتە ئاز سانلىق ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەردىن قورقۇپ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلىنالىشى ناتايىن. مەن ئۇيغۇرلارغا، تىبەتكە ۋە خىتايغا ئەركىنلىك تىلەيمەن.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇماتلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.