ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ قىزىق تېما مۇساپىرلار مەسىلىسى بولماقتا. ئوتتۇرا شەرقتىن سەلدەك بېسىپ كېلىۋاتقان يۈزمىڭلارچە مۇساپىر پۈتۈن ياۋروپادا ئەندىشە ۋە تەھدىت پەيدا قىلماقتا.
بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە نەزەر ئاغدۇرغان كىشى خاھى تېلېۋىزور، خاھى گېزىت - ژۇرنال، خاھى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بولسۇن، ھەممىسىنىڭلا ئوتتۇرا شەرقتىن سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىلەن تولغانلىقىنى كۆرىدۇ.
مەتبۇئاتلار ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشماقتا. ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، گىرېتسىيە، ۋېنگىرىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق ئەللەردە مىڭلارچە ساقچى ۋە چېگرا قوغداش قىسىملىرى سەپەرۋەر قىلىنىپ، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىنى مۇساپىرلاردىن مۇھاپىزەت قىلماقتا. گېرمانىيەدە مۇساپىرلار لاگېرلىرى ئوڭ قانات مىللەتچىلەر تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلمەكتە، مۇساپىرلار چالما - كېسەك قىلىنماقتا. ئوتتۇرا دېڭىزدا سۈپەتسىز كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، ئەركىن غەربتىن سىياسىي پاناھلىق تىلەش تەۋەككۈلچىلىكىگە ئىرادە باغلىغان مىڭلارچە مۇساپىر دېڭىز ئۈستىدە جان بەرمەكتە.
ئوتكەن بىر يىلدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2300 كىشى بولغان بولسا، بۇ يىل 8 - ئايغىچە دېڭىزدا ئۆلگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 3280 كىشىدىن ئاشتى. مەتبۇئاتلار يەنە 100 مىڭلارچە مۇساپىرنىڭ ئىتالىيەگە كىرىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، يالغۇز لىۋىيەنىڭ ئۆزىدىلا 2 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ غەربكە كۆچۈش ئۈچۈن ھازىرلىقتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى يېزىشماقتا.
غەرب ئەللىرىگە ئېقىپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسى لىۋىيە، سۈرىيە، ئىراق ۋە ئافغانىستان خەلقى بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىن كېلىۋاتقانلار ئىچىدە كۆپ ساندا ئاياللار ۋە بالىلار بار. ئۇلارغا قوشۇلۇپ، بالقان رايونىدىن كۆچۈۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى ئارتىپ بارماقتا.
ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى ھەم ئۆلۈم تەھدىتلىرىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن يولغا چىققان بۇ خەلق غەرب ئىنسانپەرۋەرلىكىگە سېغىنىپ زور ئۈمىدلەر بىلەن يۇرتلىرىنى تەرك ئەتكەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىرى غەرب ئەللىرى چېگرالىرىدا توسۇلۇپ قالماقتا. غەرب ئەللىرىگە قاچاق يوللار، دېڭىز تەۋەككۈلچىلىكى بىلەن ھايات كىرەلىگەن بىر قىسىم تەلەيلىكلەرمۇ ئۆزلىرى كىرگەن ئەللەردە قامال ئاستىغا ئېلىنىپ، سوغۇق مۇئامىلىلەرگە يولۇقماقتا،ھەتتا يەرلىك خەلق ئىچىدىكى مىللەتچىلەرنىڭ زەربىلىرىگە ئۇچرىماقتا.
ب د ت ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئىتالىيە، گىرېتسىيە، ۋېنگىرىيەلەردە جىددىي يىغىۋېلىش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىپ، بۇ مۇساپىرلارنى مۇمكىن قەدەر تىز سۈرەتتە يۇرتلىرىغا يولغا سېلىپ قويۇشنىڭ ھازىرلىقلىرىنى قىلىشماقتا. ئەلۋەتتىكى، بۇ قەدەر كۆپ مۇساپىرلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ ياۋروپا تۇپراقلىرىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنى يوق دېيەرلىك ھېسابلاشقا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ بۇ كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ بەلگىلىك تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش قېيىن بولۇشى مۇمكىن.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ بىر يىل ئىچىدە، يالغۇز گېرمانىيە دۆلىتى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ 800 مىڭ كىشىگە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت نامىدىن مۇساپىرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك مۇئامىلىسىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خەلق ئىچىدىكى نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە.
ئۆتكەن ئايلاردىكى راي سىناشتا، گېرمانىيە خەلقىنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشقا قارشى ئاۋازى 95% تىن ئېشىپ كەتتى. مۇساپىرلارغا قارشى تۇرۇش گېرمانىيەدە يالغۇز ئوڭ قانات مىللەتچىلەرنىڭ ئىشى بولۇپلا قالماستىن، ئومۇمىي خەلقنىڭ رايى بولۇپ كۆرۈلمەكتە. خەلق بۇ مۇساپىرلار سەۋەبلىك دۆلەت مالىيەسىگە چۈشىدىغان زور بېسىمنى نەزەرگە ئالمىغان تەقدىردىمۇ، ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ ئازىيىشى، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ بۇزۇلۇشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، تېررور تەھدىتىنىڭ يۈكسىلىشى، ياۋروپانىڭ ئىسلاملىشىشىدىن ئەنسىرەش قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ قارشى چىقماقتا.
بۇ بىرقانچە ئايدىن بېرىقى مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدە مۇساپىرلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ 200 قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. بەزى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا ئوت قويۇۋېتىلدى، بەزى مۇساپىرلار مىللەتچىلەر ئاتقان تاش - كېسەك، بوتۇلكىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى، بەزى لاگېرلارنىڭ ئىشىك - دېرىزىلىرى چېقىۋېتىلدى.
دۆلەت پرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىرى ئالايىتەن مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ مۇساپىرلارغا ئىگە چىقىش مەيدانىنى بىلدۈرگەن بولدى. گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە گېرمان مىللىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئوبرازىنى قوغداش تەرەپدارلىرى بايانات، ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ئاساسىي قانۇنىدىكى «مىللىتى، ئىرقى، تېرىسىنىڭ رەڭگى قانداق بولۇشىدىن قېتى نەزەر، ھەممە ئادەم ھوقۇقتا باراۋەر» دېگەن تۈپ ماددىلارنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىدىن شىكايەتلەر قىلىشتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خەلق يەنىلا ھەم ھۆكۈمەتتىن ھەم مۇساپىرلاردىن نارازى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركىل بىلەن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ھوللاندا باشچىلىقىدا ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا 28 دۆلەت ئارىسىدا كۆپ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. چېگرالارنى ئورتاق قوغداش، مۇساپىرلارنىڭ كىرىشىگە يول قويماسلىقتا پىكىر بىرلىكى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، مۇساپىرلارنى بۆلۈشۈپ تەقسىم قىلىشتا تېخى بىر ئارىغا كېلەلمىدى.
بۇ يىل ماي ئايلىرىدىكى 600 مىڭ مۇساپىرنىڭ 40 پىرسەنتى گېرمانىيە قوبۇل قىلغان ئىدى. مۇساپىرلارغا بېرىلىدىغان تەمىنات مەسىلىسىدىمۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا كۆپ پەرقلەر بار. گېرمانىيە ھەر بىر مۇساپىرغا ئايدا 143 ياۋرو بەرگەندىن سىرت، كىيىم پۇلى، تاماق پۇلى، داۋالىنىش راسخوتىنى كۆتۈرۈش، تۇرالغۇغا ئورۇنلاشتۇرۇش، بالىلارنىڭ بارلىق ئوقۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرۈش قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ 27 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت پولشا قاتارلىق ئەللەرنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرگە كىرمەكچى بولغان مۇساپىرلارنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سىرتىدىكى چېگرادىنلا توسۇپ قېلىشنى، بولۇپمۇ ئۇكرائىنادىن قېچىۋاتقان مىڭلارچە مۇساپىرلارنى پولشادىلا توسۇپ قېلىشنى، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن باشقىلارنىڭ ياۋروپا بىرلىكى ئىچىگە كىرىشىگە يول بەرمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويغان.
0:00 / 0:00