ياۋرۇپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولغان «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا بۇ يىل 25 يىل تولدى. بۇ 25 يىلىق مۇساپە گېرمانىيەدە خاتىرىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ياۋرۇپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولغان «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتى 1990 - يىلى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات بۇ 25 يىللىق سىياسىي مۇجادىلە مۇساپىسىنى داغدۇغا بىلەن قۇتلاش ئۈچۈن جىددىي ھازىرلىقلار ئېلىپ بارماقتا.
«ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى ۋە د ئۇ ق يېقىندا ئېلان قىلغان بىرلەشمە ئۇقتۇرۇشتا تىلغا ئېلىنىشىچە، «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتى ئۆز تارىخىدا 1996 - يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى ۋە 1999 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ھەمدە 2004 - يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغا قەدەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي مۇجادىلىسىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى سانالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپىلەر قوشقان.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىلىق تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.
«ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ھەمدە كۆپ قېتىم رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بەردى.
«ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە تۇنجى رەئىسى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەشكىلات ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
«ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ 25 يىللىق خاتىرىسى 11 - ئاينىڭ 14 - ، 15 - كۈنلىرى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ميۇنخېن شەھىرىدە قۇتلىنىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق دىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزغا ئاساسلانغاندا، پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرى، ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللىغۇچى چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ھەمدە جامائىتى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى كېلىپ قاتنىشىدىكەن.