ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى» ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

0:00 / 0:00


10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا باشلانغان «شەرقىي تۈركىستان دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى» بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. د ئۇ ق نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلىۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بۈگۈنكى ئومۇمىي كۈنتەرتىپى تۆۋەندىكى تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن:

بىرىنچى قىسىم: خەلقئارانىڭ دىققىتى قەيەرگە بۇرالدى؟

ئىككىنچى قىسىم: كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى خىتاي ۋە چەتئەلدە كۈچلەندۈرۈش.

ئۈچىنچى قىسىم: يەرلىك سىياسەت بىلەن دىن قەيەردە كېسىشىدۇ؟

تۆتىنچى قىسىم: ئاپتونومىيە ۋە دېموكراتىيىنىڭ خىتايدىكى ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە بولغان تەسىرى.


ئۇ، ئىران بىلەن ئىيوردانىيە ئازراق رېئاكسىيە بىلدۈردى. بەزى ئەرەب مۇتەخەسسىسلەر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى دېدى. ئەسلىدە بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاينى ئەيىبلىشى كېرەك ئىدى. مىسىردا قېرىنداشلار پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، تۇنجى زىيارىتىنى خىتايغا قاراتتى. دېدى.

ئىسلام ئەللىرىنىڭ دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئورۇن بەرمىگەنلىكىنى، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىن چىقىپ كەتسە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرققە بىتەرەپ ساقچى بولۇپ كىرىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى بىر ئىنكاسى يوق. تەتقىقاتچىلاردىنمۇ بۇ ھەقتە كۆپ تەتقىقات يوق. ئەرەب دۆلەتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆپرەك چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ، تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئەسلىدە بۇنىڭ كېرىكى يوق. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېھتىياجى بار، شۇڭا خىتاينى رەنجىتمىسەك دەيدۇ. خىتاي ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن پەقەتلا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ. ئۆزئارا ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتى ئېلىپ بارىدۇ.

بۈگۈن دوكلار بەرگۈچىلەر ئىچىدە، خىتايدىكى مىللەتلەر ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ۋە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان كىتابلىرى بىلەن تونۇلغان دوكتور گلادنېي ئەپەندىمنىڭ، «نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسىغا پىسەنت قىلمىدى؟ ئەسلىدە نېمە قىلىش كېرەك ئىدى؟» دېگەن تېمىدا بەرگەن دوكلاتى پۈتۈن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

گلادنېي ئەپەندىم دوكلاتىدا، «نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق توقۇنۇشلارنى ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ باش ۋە بىردىن — بىر جاۋابكارى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئىبارەت» دەپ كۆرسەتتى.

پروفېسسور گلادنېي ئەپەندىم بولسا ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇ، تۈركىيە ۋە خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تەتقىقاتچى بولغان، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 10 غا يېقىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەخسۇس تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ، «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار» ناملىق ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.

ئۇندىن باشقا يەنە، ئىسرائىل ھائىفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور يىتزاك شىكور ئەپەندىمنىڭ، «ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا بولغان ئىنكاسى» دېگەن تېمىدا بەرگەن دوكلاتىمۇ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىلمىي دوكلاتلارنىڭ بىرى بولدى.

ئۇ، دوكلاتىدا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي سىياسىتىگە قارىتا ئۆزلىرىنى بېسىۋالغان غەرب دۆلەتلىرىگە كۆرسەتكەندەك رېئاكسىيە كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما كۆرسەتمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. پروفېسسور يىتزاك شىكور خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە تۈركىيەنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، ئەمما ئەمەلىي بىر ئىش قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىندا يەنە كانادا، گېرمانىيە ئامېرىكا، تۈركىيەدىن كەلگەن پائالىيەتچى ۋە تەتقىقاتچىلار پىكىر بايان قىلدى.

يىغىننىڭ داۋامى سوئال سوئال - جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. دوكلات بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

بىز يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.