ياۋروپا بىرلىكى خىتايدىن ئۈمىدسىزلەنمەكتە

0:00 / 0:00


ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرى تۈپەيلى ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى كارخانىلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

خىتاي ياۋروپا سودا كېڭىشى تارمىقىدىكى رولاندبېرگېر خەلقئارا مەسلىھەت شىركىتىنىڭ 6 - ئىيۇن بېيجىڭدا ئېلان قىلغان 2016 - يىللىق «سودا ئىشەنچ تەكشۈرۈش دوكلاتى» دۇنيا سودا ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەمدە غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.

ب ب س نىڭ 7 - ئىيۇندىكى «يېرىمىغا يېقىن شىركەت خىتايدىكى مۇلازىمەتنى كېڭەيتمەسلىك تەرەپدارى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا ئىش يۈرگۈزۈۋاتقان 506 شىركىتى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇندىن كېيىن خىتايغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشتىن يالتايغان. بۇ شىركەتلەر خىتايدىكى ئومۇمىي چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ 40% تىنى تەشكىل قىلىدىكەن، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوتتۇرا ۋە ئېغىر سانائەت كارخانىلىرى ئىكەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى كارخانىلىرىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى 9% ئازايغان. بۇ سان، 10 مىليارد ياۋرودىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، ھەم خىتاي ئىقتىسادىغا زەربە ئېلىپ كەلگەن، ھەم چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چەكلىمە قويغان.

بۇندىن 3 يىل ئىلگىرى 86% چەتئەل شىركىتى مەبلەغ كۆلىمىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، بۇ يىل ئاران 41% شىركەت شۇنداق پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەكسىچە، خىتاينىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرگە سېلىۋاتقان مەبلىغى يۈكسىلىپ، 2 - 3 ھەسسە ئارتقان.

خەۋەرگە قارىغاندا، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان خىتايدىكى تۈرلۈك توسالغۇ ئامىللار، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى، شىركەت مەخپىيەتلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ بىخەتەرلىككە تەھدىت پەيدا قىلىشى، مۇرەككەپ قائىدە - تۈزۈملەرنىڭ كۆپلۈكى قاتارلىقلار بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىمى مەبلەغ سېلىشتىكى باراۋەرسىزلىك، قاتمال ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنىڭ ئىسلاھ قىلىنماسلىقى ۋە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنلا سىياسەتنى ئىقتىسادتىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋېلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان باش شتابى گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراتسىيونى» نىڭ باش كاتىپى پەن يۇڭدۇڭ ئەپەندى ئىپادە بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتايدا ئىقتىساد چېكىنىپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىمۇ زور چېكىنىشلەر بارلىققا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا ھازىر زىددىيەتلەر، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا. كومپارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتىدىن زىيان تارتىۋاتقانلار يالغۇز چەتئەل شىركەتلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىدۇر. نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. نۇرغۇنلىرى قولغا ئېلىندى. باي بىلەن نامراتنىڭ پەرقى ھەسسىلەپ ئاشتى. شى جىنپىڭ ھازىر ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي چېكىنىشلەرگە ئۇنچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. چەتئەللىكلەرنى دۈشمەن كۆرۈش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئۆز خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ھەقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ چەتئەل كارخانىلىرىغا قۇچاق ئاچماسلىقى ئېنىق.»

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 7 - ئىيۇندىكى «ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايدىكى كارخانىلىرى پۇرسەت باراۋەرلىكىنى ئۈمىد قىلماقتا» ناملىق خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ياۋروپا سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۆرگ ۋۇتكې سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا قىلغان سۆزىدە «خىتاي دائىرىلىرى ئالدىمىزدىكى 3 - 5 يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى 6.5% تە ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى دېيىشمەكتە، ئەمما چەتئەل شىركەتلىرى ‹بۇ مۇمكىن ئەمەس› دەپ قارايدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، جۆرگ ۋۇتكې يەنە مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ ياۋروپا بىرلىكى كارخانىلىرىنىڭ نارازىلىق سادالىرىنى ئاڭلىدى. بىز ھەتتا كومپارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھى بىلەن كېڭەشلەر ئېلىپ باردۇق. نەتىجىسى، ‹داۋاملىق ساقلاش› تىن ئىبارەت بولدى. ‹ئىسلاھات› دېگەن بۇ سۆز قۇلاقلارغا سىڭىپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق.»

يۆرگ ۋۇتكې سۆزىدە، بارغانسېرى كۆپ چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتايدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى چەكلىمىلىرىنىڭ ئالاھىدە قاتتىقلىقىنى، بانكا مۇلازىمىتى ھەمدە سۇغۇرتا ساھەسىدىكى پائالىيەت بوشلۇقنىڭ بارغانسېرى تارىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بەلكى پۈتكۈل مۇلازىمەت ساھەسىدە چەتئەل مەبلىغىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايدىكى كارخانىلىرى پۇرسەت باراۋەرلىكىنى ئۈمىد قىلماقتا» ناملىق مەزكۇر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ياۋروپا سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۆرگ ۋۇتكې، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىۋاتقان ئويۇندا باراۋەرلىك يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ سودا سانائەت بانكىسى بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا ياۋروپانىڭ خالىغان يېرىدە تارماق بانكا ئاچالايدۇ، بىراق بىز خىتايدا بۇنداق قىلالمايمىز. بىزنىڭ خىتايدا دۇچ كېلىۋاتقىنىمىز بىر سەددىچىن سېپىلى.»

يۆرگ ۋۇتكې يەنە شۇلارنى تىلغا ئالغان: «خىتاينىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىزگە بىر مەبلەغ سېلىش مۇندەرىجىسى تارقىتىپ بەردى. بۇنىڭدا نەگە مەبلەغ سالساق بولىدۇ، نەگە بولمايدۇ، نەگە ئازراق سالساق بولىدۇ، ھەممىسى بەلگىلەپ بېرىلگەن. ياۋروپادا بۇنداق بىر ئىشنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدۇ. ياۋروپادا كىشىلەر خالىسا ئۈزۈم ھارىقى كەسپىگە، خالىسا پورتلارغا، خالىسا ئايرودروملارغا ۋە ئۆزى خالىغان يەرلىرىگە مەبلەغ سېلىۋېرىدۇ.»

ئۇ ئوخشىتىش قىلىپ يەنە مۇنداق ئىبارىلەرنى ئەسكەرتكەن: «بىز خىتايدا پۇتبول ئويناۋاتىمىز، ئەمما رېپىرى، قارشى تەرەپنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان.»

گېرمانىيە برېمىن پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى سۇساننى گروبىن خانىم خىتايدىكى ئىقتىساد، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى چېكىنىشنىڭ چەتئەل كارخانىلىرىغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرىدىن بەكرەك، پۈتۈن خىتاي خەلقىگە ھەمدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر مىللەتلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانلىرىغا بەكرەك دىققەت ئاغدۇرۇشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۈگۈن، ئۆزى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلارنى ۋەدە قىلغان تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە مەدەنىيەت دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بېرىپ، بۇ مىللەتلەرنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇشتەك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. 1949 - يىلى ئاران 400 مىڭ نوپۇسلۇق خىتايلار، بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ بولدى. دۇنيا مانا بۇ مەسىلىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم.»

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 8 - ئىيۇندىكى «ياۋروپا كارخانىلىرى خىتاي بازارلىرىنىڭ كېلەچىكىدىن ئۈمىدسىز» ناملىق خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2016 - يىللىق «سودا ئىشەنچ تەكشۈرۈش دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان رولاندبېرگېر خەلقئارا مەسلىھەت شىركىتى خادىمى دېنىس مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرى ياۋروپانىڭ پەن - تېخنىكا كەسپىگە قىزىقماقتا. خىتاينىڭ مەبلىغى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا ئاقماقتا. بىراق ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر مەبلەغ سېلىشتىكى باراۋەرسىزلىكتىن بىئارام بولماقتا. ئۇلار، ئەگەر خىتاي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، بىزنىڭ خىتاي بازارلىرىغا كىرىشىمىز ۋە كېڭىيىشىمىز چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، دەپ نارازى بولماقتا» دېگەن.

ب ب س 7 - ئىيۇندىكى «خىتاينىڭ چەتئەل كارخانىلىرىغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارىشى ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىدى» ناملىق خەۋىرىدە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەر بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىغا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار كاتىپى جون كەررىي بىلەن بىرگە قاتناشقان ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جاك لېۋنىڭ، چېگرا ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ خىتايدا بارغانسېرى قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ قاتتىق چەكلىمىلىرى ۋە مۇرەككەپ باشقۇرۇش نىزاملىرىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىگە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.