بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال يەنى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا قانلىق توقۇنۇش پارتلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تىك ئۇچار، ئادەمسىز ئايروپىلانلار بىلەن قانلىق باستۇرغان ۋە كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە 98 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ 59 نەپىرىنىڭ ئىسيانچى، 37 نەپىرىنىڭ پۇقرا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 3000 دەك پۇقرا ئۆلگەن، نۇرغۇن ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن. ئېلىشقۇنىڭ بەزى كەنتلىرىدە ئادەم قالمىغان. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ شېھىتلارنى ئۇنتۇمىدى. قەيسەرىدە ئۇلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، دۇئا قىلدى.
28 - ئىيۇل يەكەن ئىلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى خاتىرىلەپ تۈركىيەدىكى تور گېزىتلىرىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. قەيسەرىدىكى 1964 - يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن 2014 - 2015 - يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق قەيسەرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئورتاقلىشىپ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇيغۇر مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ئوقۇدى.
نامازدىن كېيىن ئىلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا شېھىت قىلىنغان كىشىلەرگە ئاتاپ قۇرئانى كەرىم ئوقۇپ دۇئا تىلاۋەت قىلىشتى. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ھەمدە بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۈگۈن يەنى 29 - ئىيۇل قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇرۇن ۋە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، يەكەننىڭ ئىلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆزىنىڭ يەكەن خاڭدى ۋە ئىلىشقۇ يېزىلىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى دېگەندەك 98 ئەمەس، مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنى بىتەرەپ ئورگانلارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىلىشقۇ ۋە خاڭدى ۋەقەسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ ماقالە ئېلان قىلغان ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەنگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ قامال قىلىۋېلىشى بىلەن بۇ ھەقتە ھەقىقىي ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئىلىشقۇ يېزىسىغا 10 ياشلاردا بارغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان، ئاۋات بىر جاي ئىكەنلىكىنى، ھەر ئەتىيازدا ھەر خىل فېستىۋاللار ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇنبەت بىر جاي ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى خاڭدى يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەر يېتىشكەن بىر جاي ئىكەنلىكىنى، 1933 - يىلىدا قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان مەھمەتئېمىن ئىسلامىنىڭ بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
2014 - يىلى 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىنىڭ زادى قانداق سەۋەبلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ۋەقەدە قانچىلىك بىگۇناھ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئالدىنقى كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ساقچىلار ئېلىشقۇ ۋە يەكەننىڭ مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان بولسا، بەزى يەرلىك ئاھالىلەر كوچىلارنى قوراللىق چارلاشنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەر يىلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. يەكەننىڭ ئىلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن 28 - ئىيۇل ۋەقەسىمۇ بۇلاردىن بىرىدۇر.
0:00 / 0:00