كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
2017.11.10

11-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
يىغىندا غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەكرەم ئارىقئوغلى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
پروفېسسور ئەكرەم ئارقئوغلى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلىگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەن ناھەقچىلىكلەر ۋە سىياسىي بېسىملارنى ئۆزى تارتقان فوتو سۈرەتلەر ئارقىلىق جانلىق چۈشەندۈردى.
ئەكرەم ئارقئوغلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىدا ئەڭ ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا قالغان قېرىنداش مىللەتلەردىن ئەڭ باشتا تىلغا ئېلىنىدىغىنى شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلاردۇر. چۈنكى باشقىلارنىڭ ئۈمىدى ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغان، ئەمما ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكى يوق، ئۇلار ئاسارەت ئاستىدا قالدى. مەن بۇلارنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر ئۇيغۇر سۆزلىسە بەلكىم باشقىلار ھېسسىياتىغا بېرىلىپ سۆزلەۋاتىدۇ، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما مەن ئۇيغۇر ئەمەس، مەن بىر تۈرك. 30 يىلدىن بۇيان تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، مەن بۇ يەردە شەخسەن ئۆزۈم شەرقىي تۈركىستانغا بارغىنىمدا بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەۋاتىمەن، ئۆزۈم تارتقان رەسىملەرنى كۆرسىتىۋاتىمەن. ھېسسىياتقا بېرىلمەستىن، ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەۋاتىمەن. ئەلۋەتتە، بىز ئۇلارنى ياخشى كۆرىمىز، ئەمما مەۋجۇت مەسىلىنى بىتەرەپ تۇرۇپ ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمەن.»
پروفېسسور ئەكرەم ئارقئوغلى يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىي قەۋملەر تارىختىن بۇيان خىتايلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلدى. كۆكتۈرك يادىكارلىقلىرىدا خىتايلارغا ئالاقىدار ئاگاھلاندۇرۇشلار يېزىلغان، كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ شۇنداق بولدى، ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۈرەش داۋام قىلىۋاتىدۇ، چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ئىشغال ئاستىدا قالغان زېمىن. 1949-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نامىدا بىر مۇستەقىل ھاكىمىيەت بار ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى1 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، تۈركىيەدىن ئىككى ھەسسە چوڭ، ئەمما 23 مىليون ئىنسان ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە 11 مىليونى ئۇيغۇرلار. 1949-يىللاردا شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتى ئۇيغۇرلار ئىدى. 1950-يىللاردىن باشلاپ، رايوندا مىللەتلەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ئۆزگەردى، خىتاي رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن مەدەنىيەتلىرىنى يوق قىلدى. خىتايلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈردى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يۈزدە 45 پىرسەنتىنى خىتاي كۆچمەنلەر تەشكىل قىلىدۇ.»
يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، نۇرنىسا ئىسىملىك بىر خانىم سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر بېشىغا كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئاڭلاتتى.
نۇرنىسا خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشى چەكلەندى، ئەمما بىزنىڭ بەزى ئاياللار ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى پەرزەنتلىرىنى يوشۇرۇن ھالدا تۇغىدۇ، مېنىڭ ھامماممۇ ئېغىر ئاياق بولغاندا باشقا يەرگە كېتىپ تۇغۇپ كەلدى ۋە ئۇ بالىنى بېقىۋالدىم دەپ كۆرسەتتى. كۆپىنچە ئائىلىلەر ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولىدۇ ئەمما ئۇ بالىلار 6-7 ياشقا كىرگەندە نوپۇسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئىككى يىل ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى ئاشۇ خىلدىكى بالىلارنى نوپۇسقا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇقتۇرۇش چىقاردى. بالىلارنى ئاتا-ئانىسى نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغاندا، سۆزىدىن يېنىۋېلىپ ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنتىڭ بار ئىكەن، قانۇنغا خىلاپ دەپ نوپۇسقا ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆيلىرىدىن چىقاردى. ھەتتا مېنىڭ ھاممامنىڭ دوستى دوختۇر ئىدى، ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەن دەپ ئىشتىن چىقىرىۋەتتى ۋە ئىككى يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلدى.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشەلمەيدۇ، مېنىڭ داداممۇ 8 ئايدىن بۇيان تۈرمىدە ياتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ساقال-بۇرۇت قويۇش چەكلەندى. خىتاينىڭ چۈشەنچىسى بويىچە، ساقال قويغان ئەرلەر تېررورچى بولارمىش، شۇنىڭ ئۈچۈن ساقال قويۇشنى چەكلىدى. ھازىر ھېچ كىم ساقال قويۇپ يوللاردا يۈرەلمەيدۇ، بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتتە ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىگە قامالدى ۋە تەربىيىلەش ئورۇنلىرىغا يىغىۋېلىندى، كوچىلاردا ئەرلەر قالمىدى.»
نۇرنىسا خانىم يەنە تۈركلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستان دېسە بىلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىۋېرسىتېتقا يېڭى كەلگەندە ساۋاقداشلىرىم مەندىن شەرقىي تۈركىستان قەيەردە دەپ سورىدى، چۈنكى خەرىتىدە يوق، خەرىتىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىلمەيدۇ، بۇ ئەھۋالدىن بىزنىڭ كۆڭلىمىز بەك يېرىم. ئەمما بىر كۈنى خەرىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامى يېزىلىدۇ ۋە كۆك بايراق لەپىلدەيدۇ. . .»
پروفېسسور ئەكرەم ئارىقلىئوغلى ئەپەندى ئوتكەن يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئايلىنىپ چىققان بولۇپ، تۈركىيەگە قايتقاندىن كېيىن، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.