تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ يۈز بىرىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ يوقاپ كىتىش ئەھۋاللىرى يېقىنقى مەزگىللەردە خېلى كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، پات - پات دېگۈدەك بۇ توغرىسىدىكى ئېلانلارنى ھەر قايسى ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدە كۆرۈپ تۈرىۋاتىمىز.
بۇ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ بەزىلىرى تۈرك قېرىنداشلار تەرىپىدىن تېپىۋېلىنىپ ئاتا - ئانىلىرىغا ساق - سالامەت تاپشۇرۇپ بىرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم پەرزەنتلەرنى ئاتا - ئانىلار ھازىرغىچە ئىزدەپ يۈرمەكتە. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى زەيتىنبۇرنۇ ۋارگىللەر ئاپتوبۇس بېكىتىدە 3 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزىنى يولدا كېتىۋاتقان بىر تۈرك تېپىۋالغان ۋە ئۇيغۇرلارغا مەلۇم قىلغان. ئۇ قىز دادىسىنىڭ ئىسمنىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئەركىن ئىسىملىك پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىنغان بولسىمۇ دادىسى تېپىلمىغان، ئەتىسى ئۇيغۇرلار سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنى تېپىپ قىزى بىلەن ئۇچراشتۇرغان ئىدى. بۇلارمۇ زەيتىنبۇرنۇغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بىرسى ئىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ يوقاپ كېتىش نىسبىتى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقان بىر پاجىئە بولۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە سۇنىۋاتقان قارا قول نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارنى زار - زار قاخشاتقان بولسا، تۈركىيەگە كەلگەن ئاتا - ئانىلارنىڭ بىپەرۋالىقى ۋە بىخۇدلىقى سەۋەبىدىن بىر قىسىم پەرزەنتلەر، يېڭى موھىت بىلەن تونۇشۇپ بولغىچە ئارىلىقتا، كوچا يوللاردا ئادىشىپ قېلىپ يوقاپ كەتمەكتە.
بۇ قىزلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تىزلىك بىلەن ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ساقچى ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز - دېرىكى بولمىغان. ساقچىلارمۇ ئەتراپتىكى بارلىق ساقچىخانىلارغا بۇ خەۋەرنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ھەمدە جىددىي تۈردە ئىزدەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان پىكىر - بايان قىلىپ ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى پەرزەنتلىرىگە ئىگە چىقىش، يوللاردا تاشلاپ قويماسلىق، دىققەت بىلەن قاراش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. يوقاپ كەتكەن قىزلارنى تېپىش ئۈچۈن ساقچىلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى بىلدۈردى.
سەفاكۆيدە يوقاپ كەتكەن بۇ ئۈچ قىزنىڭ ئانىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، قىزلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ئۇ قىزلارنى بىر كىمنىڭ ئېلىپ قاچقانلىقى ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ھېچنېمە ئويلاپ يېتەلمىگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. بىراق ئۇ ئايال، قىزلىرىنىڭ ئانىسىنىڭ روخسىتىسىز ئۆيدىن سىرتقا چىقمايدىغان قىزلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ياشايدىغان ئادىل ئابدۇغۇپۇر ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ يوقاپ كەتكەن قىزلارنى تېپىش ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلارنى ياردەملىشىشىكە چاقىرىق قىلدى.
يوقاپ كەتكەن قىزلارنىڭ دادىسى سەيپۇللاھ بىلەن ساقچىخانىغا بىرگە بارغان ئەنىۋەر قاراقاش ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەھۋالنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئىزدەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00