ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «بلۇمبېرگ» خەۋەرلىرىدە «خىتاي يۈز تونۇش سىستېمىلىرى ئارقىلىق غەربىي رايونىدىكى خەلقنى قورشاۋغا ئالدى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىبارەت بۇ «تەجرىبىخانا» دا يېڭى تەقىب ۋاسىتىلىرىنى سىناق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن.
«بلۇمبېرگ» گېزىتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا سىناق قىلىنىۋاتقان «يۈز تونۇش» كامېرا سىستېمىلىرى بەلگىلىك «نىشانلىق كىشىلەر» ئەگەر كۈندىلىك ھاياتىدا بەلگىلەنگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتكەن تەقدىردە ساقچى دائىرىلىرىگە سىگنال بېرىدىكەن. ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ئەمما يۇقىرىدىكى سىستېمىدىن خەۋەردار كىشىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، بەلگىلىك دائىرە شۇ «نىشانلىق كىشى» نىڭ ئۆيى بىلەن ئىش ئورنىنىڭ ئارىلىقىدىن تەشكىل تاپقان 300 مېتىرلىق دائىرىنى كۆرسىتىدىكەن. دېمەك، بىر كىشى ئەگەر 300 مېتىر دائىرىدىن چىقىپ كەتكەن تەقدىردە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر دەرھال سىگنال تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن.
ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «مانا بۇ سىگنال قۇرۇلۇشى پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا چېگرالىنىدىغان ۋە 10 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتى شىنجاڭنىڭ قانداق قىلىپ خىتاينىڭ زور كۆلەملىك تەقىب ۋە نازارەت تېخنىكىلىرىنى سىناق قىلىدىغان تەجرىبىخانىسىغا ئايلانغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالىدۇر. . . بۇ رايون نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور ساقچى دۆلىتىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.»
مەزكۇر ماقالىدە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە ئادىللىقى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ قۇرغۇچىسى جىم خارپېرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە يۇقىرىقى بۇ سىستېمىلارنىڭ مەخسۇس ھالدا ئىنسانلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا قوللىنىلىۋاتقان باشقا تېخنىكىلار ھەققىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «كۆلىمى ئالياسكا شتاتىدەك كېلىدىغان شىنجاڭ رايونى بولسا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، ساقچى پونكىتلىرى، بىخەتەرلىك كامېرالىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن. يەرلىك دائىرىلەر ھەربىر ئاپتوموبىلنىڭ ئورنىنى ھەرۋاقىت بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن گ پ س ئورنىتىشنى بۇيرۇغان. كىشىلەر دۇكانغا كىرىش، گاز قاچىلاش ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوبۇس باش بېكىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا كىرىشتىن ئاۋۋال يۈز تونۇش سىستېمىسىدىن ئۆتىشى كېرەك.»
مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىب-نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما سوفى خانىم سۆزىدە، «بۇ يەردە ئېنىقسىز بولغان نەرسە خىتاي ساقچىلىرى بۇنچە كۆپ ئۇچۇرنى، بۇنچە كۆپ سانلىق مەلۇماتنى زادى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟» -دەيدۇ.
سوفى خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ساقچىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئېنىق بىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بىر كىشىنى سەۋەبسىز تەقىب قىلىشىنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. ئەمما بىزگە ۋە باشقا كۆزەتكۈچىلەرگە ئېنىق بولمىغان بىر نەرسە باركى، ساقچى ئاشۇنداق سىگناللارنى، ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن نېمە قىلىدىغانلىقىدۇر. ئۇلار بۇنچە كۆپ سانلىق مەلۇمات بىلەن زادى نېمە ئىش قىلىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلىتىلىۋاتقان باشقا نازارەت سىستېمىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان يېقىنقى تەكشۈرۈشلىرىمىزدىن ئۇيغۇر ئېلى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇنچە كۆپ ئۇچۇرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى بىلمەي قالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئېرىشكەن بۇ ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشتىن بەكرەك كىشىلەرگە ‹بىز سىلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز› دېگەننى بىلدۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى ئۆزى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.»
بلۇمبېرگ گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سىگنال سىستېمىسى بىخەتەرلىك كامېرالىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويغان «نىشانلىق كىشىلەر» گە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدىكەن. ساقچىلار كېيىن شۇ كىشىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرىنى سوراققا تارتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە ئادىللىقى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ قۇرغۇچىسى جىم خارپېر ئەپەندى بلۇمبېرگ گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، بۇنداق نازارەت سىستېمىلىرى ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھەرۋاقىت كۆزىتىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرى بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۆزى چەكلەيدىغان بولىدۇ،» دېگەن.
سوفى خانىممۇ سۆزىدە، ئەلۋەتتە بۇنداق تەدبىرلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەت ئېنىق بولماسلىق بىلەن بىرگە، بەزى كىشىلەردە تەبىئىي ھالدا ئۆز-ئۆزىنى چەكلەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بلۇمبېرگدىكى خەۋەرنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قامال ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ۋىليام نى زىيارەت قىلىنغان. ۋىليام نى «ئۇيغۇر رايونى بۇ تېخنىكىلار سايىسىدە مۇتلەق بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندى،» دېگەن.
«سېدنېي خەۋەرچىسى» گېزىتىدە جۈمە كۈنى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كونترول سىستېمىلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بۇ تېخنىكىلارنىڭ خىتايدەك بىر دۆلەتتە جىنايەتچىلەردىن بەكرەك ئادەتتىكى پۇقرانىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى تەقىب قىلىشقا ئىشلىتىلىش مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنغان. خوڭكوڭدىكى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فىرانچىس ئىۋ يۇقىرىدىكى گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلىشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت. ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ئادۋوكاتلار، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە خۇددى بىر جىنايەتچىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار مانا مۇشۇنداق تېخنىكىلار سەۋەبىدىن قولغا چۈشۈرۈلۈۋاتىدۇ، سولىنىۋاتىدۇ ۋە ھەتتا قېيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتىدۇ،» دېگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا سىناق قىلىۋاتقان بۇ تېخنىكىلارغا دىققەت قىلمىسا، كېيىن بۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دەرۋەقە، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلارنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە بەزى دۆلەت ئەرباپلىرىنى جىددىي ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان بىر قانۇن لايىھىسىدە نازارەت سىستېمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان پەن-تېخنىكا شېركەتلىرىنى دىكتاتور رېجىملارغا مال سېتىشتىن چەكلەش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.