قازاق ئالىملىرى زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پروزا ساھەسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا يازغۇچىلارنىڭ رومان، پوۋېست، ھېكايىگە ئوخشاش ھەر خىل ژانىرلاردا يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى ئاتاپ كۆرسەتكەن.
ئۇلار شۇنداقلا ئەدىبلەرنىڭ ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەشتىكى، قەھرىمانلار ئوبرازلىرىنى يارىتىشتىكى، ئەسەر كومپوزىتسىيىسىنى تۈزۈشتىكى، تىل-ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئەدەبىي جەريانىنى مۇناسىپ باھالىدى.
قازاق تىلىدا نەشر قىلىنغان «ھازىرقى ئەدەبىياتتىكى ئومۇمى ئىنسانىي قەدرىيەتلەر» ناملىق مونوگرافىيەدە بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورلىرى ۋەلىخان قالىجانوۋ، شارىيازدان ئېلېئۇكېنوف، گۈلجاھان ئوردا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن ئەخمەتجان ھاشىروف، ئالىمجان باۋدىنوف، شايىم شاۋايېف، ئاۋۇت مەسىموف، گۈلبەھرەم خوشايېۋا ئوخشاش ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىگە توختالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى گۈلجاھان ئوردا ئۇيغۇر پروزىسى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.