خىتاي ئەمەلدارى جاڭ خوڭكوڭ زىيارىتىدە قارشىلىققا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خوڭكوڭدا ئېلىپ بارغان بولغان 3 كۈنلۈك زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي ئەمەلدارى جاڭ دېجىياڭ خوڭكوڭ ئۆكتىچى كۈچلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى ۋە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خوڭكوڭ، ئاۋمېن ساھەسىنىڭ مەسئۇلى، شى جىنپىڭ ۋە لى كېچىياڭدىن قالسا، خىتايدىكى 3 - چوڭ ھوقۇقدار ھېسابلانغان جاڭ دېجىياڭنىڭ 16 - ماي باشلىغان 3 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۈرلۈك شەكىللەردىكى قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ب ب س نىڭ 19 - مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جاڭ دېجىياڭ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى خوڭكوڭ زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى مۇنداق ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: «زىيارىتىمنىڭ مەقسىتى، خوڭكوڭدىكى ئۆزگىرىشنى ۋە كونا - يېڭى دوستلارنى ھەمدە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈش، ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە بولغان پىكىرلىرىنى ئاڭلاش، شۇنداقلا خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› مۇنبىرىدە نۇتۇق سۆزلەش.»

بىراق، خوڭكوڭ كوچىلىرى نامايىشچىلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇلار شوئارلىرىدا جاڭ دېجىياڭنىڭ قارشى ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان مېھمانلىقىنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە موھتاجلىقىنى، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ب ب س خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، جاڭ دېجىياڭ 18 - ماي كەچتە خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ 4 نەپەر ۋەكىلى بىلەن 30 مىنۇت مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ سۆھبەت خوڭكوڭ ئۆكتىچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھوقۇقدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ سانىلىدىكەن. گەرچە بۇ سۆھبەت «مىسلى كۆرۈلمىگەن» ئۇچرىشىش دەپ تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، «نەتىجىسىگە قارايمىز» دېگەن شۈبھە بىلەن خۇلاسىلەنگەن.

ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارى جاڭ بىلەن سۆھبەتتە بولغان خوڭكوڭلۇق تۆت نەپەر ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خوڭكوڭنىڭ ھازىرقى ئالاھىدە رايون ئەمەلدارى لياڭ جېنيىڭنىڭ لاياقەتلىك ھوقۇقدار ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ خوڭكوڭنى ياخشى ئىدارە قىلالمىغانلىقى، ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغان توڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ 5 نەپەر خادىمى مەسىلىسى، ھىمايىسىز قالغان خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسى قاتارلىقلار سۆز تېمىسى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ئۇلار بۇ سۆھبەت تۈپەيلى خوڭكوڭ ۋەزىيىتىدە پەۋقۇلئاددە بىر ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشىگە نىسبەتەن گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلى قاتارلىق مىللىي رايونلاردا باستۇرۇشنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئۇزۇن بىر مەزگىل ئەنگلىيە ئىشغالىدا تۇرۇپ دېموكراتىيىنىڭ تەمىنى تېتىپ ياشىغان ۋە ئەركىن ھاياتقا كۆنۈپ قالغان خوڭكوڭلۇقلار ئۈستىدىنمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

شىۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «نوي زۈركەر گېزىتى» خىتاي ئەمەلدارى جاڭنىڭ خوڭكوڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 18 - ماي ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خوڭكوڭ دائىرىلىرى گەرچە 6 مىڭ نەپەر ساقچى ئاجرىتىپ جاڭنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تېرىشقان بولسىمۇ، نامايىشچىلارنىڭ قارشىلىقىنى توسۇپ قالالمىغانلىقىنى، خەلقنىڭ «بىزگە ھەقىقىي سايلام كېرەك» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«بېيجىڭلىق ئەمەلدار، ئەتىر ماركىسى بىلەن خوڭكوڭدا» ناملىق مەزكۇر ماقالىدە يەنە، جاڭنىڭ بۇ قېتىمقى خوڭكوڭ زىيارىتىنىڭ نازۇك بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەنلىكى، توڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ 5 نەپەر ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغان خادىمى مەسىلىسىنىڭ خوڭكوڭدا ۋەھىمە ياراتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ كېلەچىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىگە بارغانسېرى ھۆرمەت قىلمايۋاتقانلىقى، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ تۈزۈمنىڭ ئەمەلدىن قېلىشىغا بولغان ئەندىشىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ ئۆكتىچىلىكتىن مۇستەقىللىق تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئورۇن ئالغان.

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ خوڭكوڭ قاتارلىق رايونلارنىمۇ ئىچكىرى خىتايغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئاقىۋەتتە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «فرانكفورت مەجمۇئە گېزىتى» 18 - ماي ئېلان قىلغان «قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمانغا قارشى نامايىش» ناملىق خەۋىرىدە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قارىغاندا، خوڭكوڭدا نىسبەتەن كەڭ سۆز ئەركىنلىكى مەۋجۇتلۇقى، ئەمما ئالدىنقى قانچە ئايلاردىن بۇيان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك شوئارلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ، خوڭكوڭدا ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەت قۇرۇش سادالىرىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى، ھەتتا بەزى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە، خىتاي ئەمەلدارى جاڭ دېجىياڭ خوڭكوڭلۇق 4 نەپەر ئۆكتىچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ئورۇنغا كېلىشتىن ئىلگىرى، ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ خىش - كېسەك ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر قىسىم كوچىلارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى يەرگە ياتقۇزۇلغان خىشلارنى قومۇرۇپ ئېلىۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

http://www.bbc.com/zhongwen/simp/china/2016/05/160519_china_zhangdejiang_hk_politicsOpens in new window ]

http://www.dw.com/zh/%E5%BE%B7%E8%AF%AD%E5%AA%92%E4%BD%93%E5%BC%A0%E5%BE%B7%E6%B1%9F%E9%A6%99%E6%B8%AF%E8%A1%8C-%E8%AE%BF%E9%97%AE%E5%8F%98%E8%A7%86%E5%AF%9F/a-19266054Opens in new window ]