رۇسىيە ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە

تۇنجى بولۇپ رۇسىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى نىكاراگۇئا دۆلىتى ئېتىراپ قىلدى.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نىكاراگۇئا پرېزىدېنتى دانىئەل ئورتېتا بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نىكاراگۇئا ھۆكۈمىتى " قېرىنداش ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسىېتىيە" نى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە باياننامە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت رەھبىرى ئىمزا قويغان.

بىراق، ھازىرغىچە نىكاراگئۇئادىن باشقا ھېچ قايسى دۆلەت مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولۇپ، ھەتتا رۇسىيىنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى ھېسابلىنىدىغان بېلارۇسىيە ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ بۇ قەدەمنى باسمىغان. رۇسىيە مەزكۇر تەشكىلاتلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

6 - سېنتەبىر كۈنى ئابخازىيە پرېزىدېنتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئابخازىيىنىڭ ھەمدە جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىق دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەتتا رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەت بولۇشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.بۇنداق خەۋەر بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم چىققان بولۇپ، ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيە رۇسىيە بېلارۇسىيە بىلەن بىر ئىتتىپاقداش دۆلەت بولۇشقا تەييارلانغان ئىكەن.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىزچىل ھالدا رۇسىيىنىڭ بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى مۇستەقىل قىلغانلىقىغا نارازى بولغان بولۇپ، ئۇلارنى ئېتىراپ قەتئىي قىلمىغان. نەتىجىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇش مەسىلىسى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.