ب د ت دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ كەمچىللىكىنى ئەيىبلىدى
2005.11.21
1 - دىكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىشنىڭ ھارپىسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى 2005 - يىللىق ئەيدىز كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي 2003 - يىلى گەرچە ئەيدىز بىمارلىرىنى زۆرۈر دورا ۋە داۋالىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى يېتەرسىز بولغان.
2005 - يىلى 6 - ئايغىچە، خىتاينىڭ 28 ئۆلكىسىدە ئاران 20 مىڭدەك كىشىلەر ئەيدىزنىڭ دورىلىرىغا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ستاتېستىكىسى بويىچە ئېيتقاندىمۇ، ھەر قايسى جايلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى 840 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 80 مىڭدىن ئاشىدۇ.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا گىرىپتار بولغانلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە يۈننەن، خېنەن ۋە گۇئاڭشىدا ھەممىدىن كۆپ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تېز تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەۋەبلەر ئارىسىدا، تومۇردىن زەھەرلىك چىكىملىك ئۇرۇش ۋە قالايمىقان جىنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، دوكلاتتا يەنە تايلاندنىڭ ئەيدىز گە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، ياش قورامىغا يەتكەنلەر ئارىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ ئىلگىرىكىدىن تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئەيدىز مەھبۇسلار ئۈچۈن تۈرمە سالىدىغانلىقىنى رەت قىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە 3 ئايدىلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن 400 ى بايقالدى
- ب د ت دوكلاتى: خىتاي سودا ۋە تەرەققىيات جەھەتتە دۇنيادا 51 ئورۇندا تۇرىدۇ
- ب د ت خىتاينىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلدى
- ب د ت خىتاينىڭ قۇش زۇكىمى كېسىلىگە بولغان نازارىتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى