ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن لىندسېي گراخام (Lindsey O. Graham) بىلەن شەلدون ۋايتخائۇس (Sheldon Whitehouse) خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شې فېڭغا ئوچۇق خەت ئەۋەتىپ، خىتايدا 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»غا قارىتا جىددىي ئەندىشە، نارازىلىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئىپادىلىدى.
ئوچۇق خەتتە، بۇ ئىككى نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ 63-ماددىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ ماددىدا خىتاي زېمىنى سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭمۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزدى» دېگەن شىكايەت بىلەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئىككى نەپەر كېڭەش ئەزاسى ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەيدانىنى شەرھىيلەپ، خىتاينىڭ بۇ ماددىغا ئاساسەن ئامېرىكا زېمىنىدىكى شەخسلەرنى نازارەت قىلىش، قورقۇتۇش ياكى بېسىم ئىشلىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەخلى-تەرۇز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خەتتە خىتاينىڭ تىبەت بۇددىستلىرى، مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقى جىددىي تەنقىد قىلىندى. بۇ يېڭى قانۇننىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى، خىتاينىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا، «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»غا ۋە خەلقئارالىق ۋەدىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ بۇ قانۇننى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇن دائىرىسىدىكى قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن خەۋەر قىلىش مېخانىزمىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئاكتىپ ئىشلىمەكتە. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا زېمىنىدىكى كىشىلەرنى ياكى چەتئەلدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى نىشانلىسا، ئامېرىكا تەرەپ تېخىمۇ قاتتىق قانۇن چىقىرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارىلىدى.
