ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئاساسلىق بازىرىغا ئايلانماقتا

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى”يۆتكەلگەن خەتەر: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيەدىكى ئىجرا قىلىش بوشلۇقى“ ناملىق بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا ۋە چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن، خەتەرلىك مەھسۇلاتلار ئەمدى ئىمپورت كونتروللۇقى ئاجىز بولغان ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئوتتۇرا تىپتىكى بازارلارغا يۆتكىلىشكە باشلىغان.

”يۆتكەلگەن خەتەر: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيەدىكى ئىجرا قىلىش بوشلۇقى“ ناملىق بۇ دوكلاتتا، ب د ت نىڭ 2024-يىللىق سودا سىتاتىستىكىلىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى ئاشكارىلانغان. بۇ خەتەرلەر ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تەمىنلەش زەنجىرىگە چوڭقۇر باغلانغان پاختا كىيىم-كېچەك، كۈنتاختا ماتېرىياللىرى، ئاليۇمىن ۋە خىمىيەۋى مەھسۇلاتلار قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.

دوكلاتتا ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىدىكى ئاجىزلىقلار تەنقىد قىلىنغان. ئاۋسترالىيەنىڭ 2018-يىلى ماقۇللانغان «زامانىۋىي قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە ياپونىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يېتەكچىلىرى شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىن چېگرادا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە چەكلەش ياكى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس ئىكەن.

بۇ بوشلۇق يېقىندا ئاۋسترالىيەدە قانۇنىي تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ ئاياللار جەمئىيىتى (AUTWA) داڭلىق پارچە سېتىش شىركىتى Kmart ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، شىركەتنىڭ كىيىم-كېچەك تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى خەۋپىنى يوشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ دېلو ئاۋسترالىيە قانۇنلىرىنىڭ مەھسۇلاتلارنى چېگرادىن توسۇشتا ئامېرىكىنىڭ ”ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى“غا ئوخشاش ئىجرا كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى چېگرادىن كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلىدىغان قەتئىي ئىمپورت چەكلىمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەرگە مالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تولۇق ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى يۈكلەش؛باج ۋە تاموژنا ئورگانلىرىغا خەتەرلىك ماللارنى چېگرادا تۇتۇپ قېلىش ۋە تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى بېرىش قاتارلىق تەۋسىيەلەرنى بەرگەن.