بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېگىدەك كۆپەيگەن بولۇپ ئومۇمىي سان 40 مىليوندىن ئاشقان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، "خىتايدا ھازىر زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر ھالەتكە يەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال مەزكۇر جايدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تىزلەشتۈرگەن" دەپ كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار خىتاينىڭ ھەممىلا ئۆلكىسىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلى، خېنەن، يۈننەن، گۇاڭشى ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن ئىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا يەنە "خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپ ساندىكىسى جىنسىي مۇناسىۋەتتە قوغداش تەدبىرى قوللانمىغان ھەمدە يۇقۇملانغان ئاياللار سانى ئىلگىرىكىدىن كۆپەيگەن" دەپ بىلدۈرۈلگەن. (مېھرىبان)