بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشچە، مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنىڭ باش كاپىتانى ئادمىرال رىچارد ۋرەن: "قايتىپ كېلىپ شادلاندۇق" دېگەن ھەمدە خىتاينىڭ بەش ئاي ئىلگىرى ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدە بەرگەن چۈشەندۈرۈشلىرىگە قايىل بولمىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 47 يىلىنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە كىرىشتۈرۈلگەن كىتتي ھاۋك ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق يوكوسۇكا ھەربىي بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭدا جەمئىي 5000 دېڭىز ئارمىيىسى ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى مەشغۇلات قىلىدىغان بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئاۋىئاماتكا بۇ يىل مايدا ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ دېزىل موتورىنىڭ ئورنىغا يادرو ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك ماتور ئالماشتۇرۇلىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا كىتتي ھاۋك خوڭكوڭدا توختاپ ئۆتمەكچى بولغاندا خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭنىڭ بۇ جەھەتتە ئېنىق يوليورۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان ھەمدە بۇ ۋەقە، خىتاي - ئامېرىكا ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە سوغۇقچىلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى.