ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىئانە توپلاپ سىچۇەندە ئاپەتكە يولۇققان خەلقتىن ھال سورىدى

5 ‏ - ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنى سىچۇئەننىڭ ۋېنچۇئەن ناھىيىسىدىكى يىڭشيۇ شەھەرچىسىدە يۈز بەرگەن 7.8 دەرىجىلىك يەر تەۋرەشتە، يەرلىك خەلق ئۆزى سالغان ئۆيلەرنىڭ 70 - 80 % تى پۈتۈنلەي ئۆرۈلگەن.

ئون مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار بۇ شەھەرچىدە ئاران 2300 ئادەم ساق قالغان. كۆمۈلۈپ قېلىپ قۇتقۇزۇشنى كۈتىۋاتقان ئادەم سانى تېخىچە نامەلۇم. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر ناھىيىدە 60 مىڭ ئادەم بىر - بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوقاتقانلىقى تەخمىنلەنگەن. يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان ئابا تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھازىر 2000 دىن ئارتۇق ساياھەتچى توسۇلۇپ قېلىپ سەپىرىدىن قايتالماي تۇرغان.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 14 ‏ - چىسلاغىچە قەدەر مەلۇم قىلىنغان ئۆلگەن ئادەم سانى 12 مىڭ؛ يۈننەن، گۇيجۇ، گەنسۇ، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ بۇ يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن بولغان جايلىرىدا ئۆلگەن ئادەم سانىنى قوشقاندا جەمئى 14 مىڭ 800 دىن ئاشىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، 13 ‏ - چېسلا كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى پالاتاسى بىرلىكتە سىچۇەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سورىدى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە توپلاپ ئەۋەتتى.

ب ب س نىڭ 14 ‏ - چېسلا بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرى، ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خادىملىرىدىن بولۇپ 100 مىڭ ئادەم ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا كىرىشكە باشلىغان. ھازىر ئۇچۇر - ئالاقە ئەسلىگە كەلگەن. خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى توشۇيدىغان تىك ئۇچارلىرى بۈگۈن بۇ رايونغا يېتىپ كەلگەن.

'تەڭرىتاغ تور بېتى'دا بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ۋاڭ لېچۇەن قاتارلىق ئەمەلدارلىرى بۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قوروسىدا، سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن كادىر ۋە خەلقتىن ئىئانە توپلاش مۇراسىمى ئاچقان.