ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شان مىكورمىكنىڭ ئېيتىشىچە، 1953 - يىلى 5 - ئايدا، ئەينى زاماندىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى جوھن فوستېر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم لىۋىيىنى زىيارەت قىلغاندىن بۇيان، ئامېرىكىدا 10 قېتىم پرېزىدېنت ئالمىشىپ بولدى. ئىنسانىيەت ئايغا چىقتى، ئىنتېرنېت كەشىپ قىلىندى، بېرلىن تېمى ئۆرۈلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە، لىۋىيە دۇنيادا بىر نەچچە قېتىم كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن چوڭ ۋەقەلەرنى چىقاردى. بۇ جەرياندا، ئامېرىكا - لىۋىيە مۇناسىۋىتى ياخشى بولالمىدى، مانا ھازىر يېڭى بىر دەۋر باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.