كلىنتون خانىم ئۆزىنىڭ سايلام پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇش ئۈچۈن بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان سايلام ئېلىپ بېرىپ، رىقابەتچىسى باراك ئوبامادىن يېڭىلگەن دېموكراتىك پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزىتى، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتوننىڭ رەپىقىسى ھىللارىي كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى پائالىيىتىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھىللارىي كلىنتون خانىم شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بارلىق قوللىغۇچىلىرىنى دېموكراتىك پارتىيىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت نامزىتى باراك ئوبامانى قوللاپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

" ھازىر بىز مەقسەتلىرىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈچ قۇۋۋىتىمىز، قىزغىنلىقىمىز ۋە قابىلىيىتىمىز ئارقىلىق زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئوبامانىڭ كېلەر قېتىمقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز لازىم" دەيدۇ ھىللارىي خانىم خوشلىشىش نۇقتىدا. ئۇ، ئوبامانىڭ ئېرىشكەن غەلىبىسىنى تەبرىكلەش بىلەن ئۆزىنى قوللىغانلارغا رەھمەت ئېيتتى.

ھىللارىي خانىم نۇتقى جەريانىدا 14 قېتىم ئوبامانىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ دېموكراتىك پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباماغا بەرگەن يۇقىرى باھالىرى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوبامانىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ نامزىتى جون ماككېيىننى يېڭىپ، 11 - ئايدىكى سايلامدا غەلىبە قازىنىش بىلەن ئامېرىكا تارىخىدىكى يېڭى پرېزىدېنت بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن تىلەكداش ئىكەنلىكى ھەم ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى دېموكراتىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

ھىللارىي، بىر قىسىم ئۆز قوللىغۇچىلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ، خوشلاشقاندا قوللىغۇچىلىرى كۆز يېشى قىلىشقان. ھىللارىي ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايلا پرېزىدېنت نامزىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.